لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەسنۇئ — ياسالغان ، قىلىنغان ، يارىتىلغان؛ ھۈنەر - سەنئەت بىلەن ۋۇجۇتقا چىققان؛ سەنئەتلىك؛
- مەسنۇئات — ؛«مەسنۇئ»نىڭ كۆپلۈكى : ياسالغان نەرسەلەر ،ھۈنەر - سەنئەت بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن نەرسەلەر؛
- مەسھ — ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ لەقەمى (كونا ئەدەبىياتتا«مەسىھ» سۆزى «ھايات بەرگۈچى» مەناسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.)؛
- مەسھۇب — ھەمسۆھبەت ، ئۈلپەت ، بىرگە ئولتۇرۇپ قوپقۇچى ، بىرگە يۈرگۈچى؛
- مەسھۇر — سېھىرگەنگەن ، جادۇ قىلىنغان ، سېھىرلىك؛
- مەسۇخ — بىمەنە، لاۋزا؛ ئەخمەق؛
- مەسۇن — ساقلانغان ، ئاسرالغان ، مۇھاپىزەت قىلىنغان؛
- مەسىر — سەيلە ماكانى ، سەيلىگاھ ، تاماشا جايى؛
- مەسىلەن
- مەسىھ ، مەسىھا — ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ سۈپەتى. دىنىي رىۋايەتتە ،ئىيسا پەيغەمبەر ئۆز دېمى بىلەن ئۆلۈككە جان كىرگۈزۈش قابىلىيەتىگە ئىگە بولغان
- مەسىھانەفەس ، مەسىھا ئەنفاس — ئىيسادەك نەپىسى (دېمى) بىلەن ئۆلۈككە جان كىرگۈزىدىغان؛
- مەسىھۋەش ،مەسىھۋار — ئۆلۈككە جان كىرگۈزىدىغان ئىيىسادەك؛
- مەشئەل — ماياك؛ چىراق؛
- مەشئەل(مەشئەلە)؛ — مەشئەل ، چىراغ ، شام ، يورۇقلۇق ، روشەنلىك؛ [ كۆز ئەۋى مەشئەلى --- كۆز قارىچۇقى ؛ كۆچمە مەناسى: يار؛
- مەشئوف — بەك ياخشى كۆرگۈچى؛تەلۋە؛ ئاشىق؛ئالدانغان؛ بېرىلگەن؛ قىزىقىپ قالغان؛
- مەشائىل — ؛«مەشئەل»نىڭ كۆپلۈكى : مەشئەللەر؛
- مەشارىب — ؛«مەشرەب»نىڭ كۆپلۈكى : مىجەزلەر ، تەبىئەتلەر ، خاھىشلار، كەيپىياتلار؛
- مەشاغىل — ؛«مەشغەلە»نىڭ كۆپلۈكى : ئىشلار ، مەشغۇلاتلار ، خىزمەتلەر؛
- مەشام — بۇرۇن ، دىماغ ، پۇراش ئەزاسى ، پۇراق ، بۇي؛
- مەشاھىد — ؛«مەشھەد»نىڭ كۆپلۈكى : شېھىتلەر قەبرىگاھلىرى؛
- مەشاھىر — ؛«مەشھۇر»نىڭ كۆپلۈكى : مەشھۇرلار ، داڭدارلار ، شۆھرەتلىكلەر؛
- مەشايىخ — ؛«شەيخ»نىڭ كۆپلۈكى : شەيخلەر ، قېرىلار ، مويسىپىتلار؛ ئاقساقاللار؛
- مەشايىخى ئىزام — كاتتا شەيخلەر؛
- مەشرەب — تەبىئەت ، خاراكتېر ، ئادەت ، خۇلق ، مىجەز ، مەيل ، خاھىش ،زوق ؛ ئىچىملىكخانا؛