لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەساكىن — ؛(1)«مەسكەن»نىڭ كۆپلۈكى : تۇرار جايلار ، ئادەم ئولتۇرۇشلۇق جايلار ، ئۆي - ئىمارەتلەر؛ (2)«مىسكىن»نىڭ كۆپلۈكى : بىچارىلەر
- مەسالىك — ؛«مەسلەك»نىڭ كۆپلۈكى: مەسلەكلەر ، غايىۋى يوللار؛
- مەسالىھ — كېرەكلىك ماتېرىيال ، خۇرۇچ ؛ دورا - دەرمەك ، ئاش تېتىتقۇسى؛ پايدا ، مەنپەئەت؛
- مەسامات — ؛«مەسام» نىڭ كۆپلۈكى : ئۇششاق تۆشۈكلەر ، تەر تۆشۈكچىلىرى؛
- مەساھەت — مەيدان ، كۆلەم ؛ يەر ئۆلچەش ، يەر تاناپلاش؛ [مەساھەت قىلماق --- يەر ئۆلچىمەك؛ كۆچمە مەناسى: كەزمەك]؛
- مەسەررەت — شادلىق ، خۇشاللىق؛ [مەسەررەت بەخش --- شادلاندۇرغۇچى ،خۇشاللاندۇرغۇچى]؛
- مەسەل — ؛(1) مەسەل ، ماقال ، ھېكمەتلىك سۆز ؛ مەجازىي ھېكايە؛ [مەسەل بولماق --- ئېغىزغا چىقماق ، شۆھرەتلەنمەك ، ئۆرنەك بولماق]؛ (
- مەسەللىك — ئوخشاش ، ئوخشىغان ؛
- مەست — سۈرەت ئۆزگىرىش؛ بىر كۆرۈنۈشتىن ئىككىنچى كۆرۈنۈشكە ئۆتۈش؛ئەسلىنى يوقاتىش؛
- مەستانە — مەست بولۇۋالغان ، ئۆزىنى مەستلىككە سالغان؛
- مەستانەلىغ — مەستلىك ، ئۆزىنى مەستلىككە سېلىش؛
- مەستۇر ، مەستۇرە — ؛(1) يېپىلغان ، پەردىلەنگەن ، چۈمكەلگەن ، بېكەتىلگەن ؛ يوشۇرۇلغان ،مەخپىي ،ئۇنتۇلغان ، چەتتە قالغان؛ پاك ، كىر قونمىغان؛
- مەستى لاياقەل — قاتتىق مەس؛ خۇدىنى بىلمەيدىغان مەس؛
- مەسجۇد — سەجدە قىلىنغۇچى ، ئىبادەت قىلىنغۇچى؛
- مەسجۇدلۇق — ئىبادەت قىلىنغۇچىلىق ، سەجدە قىلىنغۇچىلىق؛
- مەسجىد — مەسجىد، سەجدە ئورنى؛
- مەسخىرەلىك — Ridiculous(سۈپەت)--شۇنچىلىك ئاقىلانە ئەمەس، ئەقىلگە سىغماس ياكى مەنتىقىي ئەمەسكى، كىشىلەرنىڭ كۈلۈشىگە ياكى مەسخىرەسىگە س
- مەسدۇد — توسۇلغان ، توسۇپ تاشلانغان ؛ چەكلەنگەن ؛ باغلانغان؛
- مەسرۇئ — تۇتقاقلىق كېسەلىگە مۇپتىلا بولغان؛
- مەسرۇر — خۇشال ، خۇرسەن ، شاد؛ [مەسرۇر ئەتمەك، مەسرۇر ئەيلەمەك --- شادلاندۇرماق ،خۇشال قىلماق]؛ [مەسرۇر بولماق --- خۇشال بولماق]؛
- مەسرۇرىييەت — شادلىق ، خۇرسەنلىك ، خۇشاللىق؛
- مەسرۇف — سەرپ قىلىنغان ، خىراجەت قىلىنغان ، چىقىم قىلىنغان ، خەجلەنگەن؛
- مەسرىف — خىراجەت ، چىقىم ، سەرپىيات ، راسخوت؛
- مەسس — سىلاش ؛ تۇتۇش ؛ تېگىش ؛ [مەسس ئەيلەمەك --- تەگمەك ،تۇتماق ، سىلىماق]؛