لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەجروھ — يارىدار؛ يارىلانغان؛
- مەجرۇھ — يارىدار ، يارىلانغان ، جاراھەتلەنگەن؛ دەرد - ئەلەملىك ، ئەلەم بىلەن دىلى ئېزىلىگەن؛ [مەجرۇھ ئولماق --- يارىدار بولماق]؛
- مەجزۇب — تارتىلغان، قىزىقتۇرۇلغان ، مەپتۇن قىلىنغان ؛ گاڭگىراپ قالغان ،خۇدىنى يوقاتقان؛ دىۋانە جەز بولغان؛
- مەجزۇبى سالىك — ئەس - ھوشىنى يوقاتىش دەرەجەسىگە يېتىپ ، ئاللاھتا يېقىنلىشىش تەلەپىدە بولغۇچى ، فەنا دەرەجەسىگە يېقىنلاشقان (سوپىلىققا )؛
- مەجزۇم — (1) موخو ، موخو كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان ئادەم ؛ (2) جەزمە قىلىنغان ، بېكەتىلگەن ،قارار قىلىنغان ، ئۈزۈل - كېسىل بىر تەر
- مەجلىس — ئولتۇرۇش ، يىغىلىش ، يىغىن ، بەزمە؛
- مەجلىسارا — ئولتۇرۇشنى بېزىگۈچى ، ئولتۇرۇشنى كۆركەملەشتۈرگۈچى ، بەزمەنى قىزىتقۇچى؛
- مەجلىسەفرۇز — بەزمەنى يورۇتقۇچى ، ئولتۇرۇشنى قىزىتقۇچى؛
- مەجمەئ — يىغىلىش جايى ، توپلىنىدىغان ئورۇن ؛ يىغىن ؛ يىغىلىش؛
- مەجمەر — ئىپار ، ئەنبەرگە ئوخشاش تۈرلۈك خۇشبۇي نەرسەلەرنى سېلىپ ئىس چىقىرىدىغان قاچا، چوغدان ، ئىسرىقدان؛ [مەجمەردە ئۇد بولماق --
- مەجمەرى فىرۇزە — كۆك ياقۇتتىن قىلىنغان ياكى كۆك ياقۇت ئورنىتىلغان ئىسرىقدان؛
- مەجمۇئ — توپلام ، جۇغلانما ، يىغىندى ؛ ھەممە ، بارچە ، جەمئىي؛
- مەجمۇئە — مەجمۇئە ، توپلام ، دىۋان؛
- مەجمۇئى(مەجمۇئە)؛ — Proceedings (ئىسىم/ كۆپلۈك شەكلى)--(1) ئاكادېمىك كېڭەشمە، سىمپوزىئوم ياكى ئىلمىي يىغىندا ئوقۇلغان ماقالەلەر، تەقدىمات ۋە
- مەجنۇن — ئەقلىدىن ئازغان ، ساراڭ ، سەۋدايى ؛ شەرقتە بىر داستاننىڭ باش قەھرىمانى؛
- مەجنۇنۋار — مەجنۇندەك ، سەۋدايى سۈپەت؛
- مەجھۇل — نامەلۇم ، ئېنىقسىز؛ [ۋاۋى مەجھۇل --- سوزۇق تاۋۇش ھەرپى «و»؛ [يايى مەجھۇل --- سوزۇق تاۋۇش ھەرپى «ى»؛
- مەجھۇلى ۋاۋى — سوزۇق تاۋۇش ھەرپى «و» ؛
- مەجھۇلى يايى — سوزۇق تاۋۇش ھەرپى «ى»؛
- مەجۇس/مەجۇسىي — ئاتەشپەرەس ، ئوتقا تېۋىنغۇچى؛
- مەجۇسى — مەجۇسى دىنى؛ ئاتەشپەرەس ؛ ئوتقا ئېتىقاد قىلغۇچى؛
- مەجۇن — شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ مەلھەم قىلىنغان مەلھەم دورا؛
- مەجىد — شەرەپلىك ، شانلىق ؛ قەدىرلىك؛
- مەخ — ئوت؛