لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەترۇد — قوغلانغان ، قوغلاپ چىقىرىلغان ، تاشلىۋېتىلگەن ، ئۇزاقلاشتۇرۇلغان؛
- مەترۇك — تاشلىۋېتىلگەن ، ئۇنتۇلۇپ كەتكەن؛ كېرەكتىن چىققان ، بىكار قىلىنغان ، ۋاقتى ئۆتكەن، كونىرىغان؛
- مەترۇكات — مىراس قالغان پۇل - بايلىقلار ، مىراسقا چۈشكەن مال -مۈلۈكلەر ؛
- مەتشۇر — نەشىر قىلىنغان؛ ئېلان قىلىنغان؛ يېيىلغان؛تارقالغان؛ دەۋلەت پەرمانى؛
- مەتلەئ — باشلانما ، باشلىنىش نۇقتىسى ؛ چىقىدىغان جاي ؛ كۈننىڭ چىقىش جايى ؛ شېئىر -غەزەللەرنىڭ باشلانما بېيىتى؛ [مەتلەئ ئولماق ---
- مەتلەئى ئەنۋار — نۇرلارنىڭ پارلاپ چىقىش ئورنى؛
- مەتلەئى سەئادەت — سائادەتكە باشلىغۇچى؛
- مەتلەب — تەلەپ ؛ غەرەز ، مەقسەت ، ئىستەك ؛ ئاساسىي مەسىلە؛
- مەتلۇب — تەلەپ قىلىنغان ، ئارزۇ قىلىنغان نەرسە ، ئىزدەلگەن نەرسە ،كۆڭۈلدىكى نەرسە ، ئارزۇ -تىلەك، ئىستەك؛
- مەتلۇپ — ئىستەك؛ ئارزۇ؛ تەلەپ قىلىنغان؛ كۈتۈلگەن؛
- مەتن — تېكىست ، كىتابنىڭ ئەسلىي ئىبارىلىرى؛
- مەتىر — يامغۇرلۇق ، دائىم يامغۇر ياغىدىغان؛ [ئەبرى مەتىر --- يامغۇرلۇق بۇلۇت]؛
- مەتىن — پىششىق ، مۇستەھكەم ، چىڭ ، پۇختا ، چىداملىق ؛ چوڭقۇر مەنالىق قىسقا ئىبارەلەر؛ [ھەبلى مەتىن --- ئۈزۈلمەس يىپ ، چىداملىق ي
- مەجئۇل — ياسىما ، ياسالما ، توقۇلغان ، سۈنئىي ، ساختا؛
- مەجارى — ؛«مەجرا»نىڭ كۆپلۈكى : ئېقىنلار ، ئېرىقلار ، ئۆستەڭلەر ،دەريالار؛
- مەجاز — ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەناسىدە ئىشلىتىلمەي ، بىرەر مۇناسىۋەت ۋە ئوخشىتىش ئارقالىق كۆچمە مەنادا ئىشلىتىلىدىغان سۆز ؛ كىنايە ، ئە
- مەجازەن — ئىستىئارە بىلەن ، كىنايە قىلىپ؛
- مەجازىي — مەجازغا تېگىشلىك ، ئوخشىتىش ۋە تەقلىد يولى بىلەن قوللىنىلغان ؛ ھەقىقىي ئەمەس،ياسالما؛ [مەجازىي مەناسى--كۆچمە مەناسى]؛ [م
- مەجال — قۇۋۋەت ، كۈچ ، ئىقتىدار ، قۇدرەت ، مادار ، ئىمكانىيەت؛
- مەجالىس — ؛«مەجلس»نىڭ كۆپلۈكى : يىغىلىشلار ، توپلانىشلار،ئولتۇرۇشلار؛
- مەجانىن — ؛«مەجنۇن»نىڭ كۆپلۈكى : مەجنۇنلار ، سەۋدايىلار؛
- مەجبۇرىيەت — Compulsion(ئىسىم)--(1) تاشقى كۈچ ياكى زورلۇق ئارقالىق بىراۋنى مەلۇم بىر ھەرىكەتكە مەجبۇرلاش؛ (2) پىسخولوگىيەدە ئادەمنى ق
- مەجبۇل — تۇغما، تەبىئىي؛
- مەجرا — دەريانىڭ قىنى ، ئۈزەن ، سۇ يولى ، ئېقىن؛