لۇغەتنى كۆرۈش: ل
- لەغۋە — شىۋە ، دېئالېكت؛
- لەفز — سۆز ، ئىبارە ، ئىپادە؛ ئاغزاكى سۆز؛ [لەفز بىناسى --- سۆز تۈزۈلۈشى ، ئۇسلۇب]؛
- لەفز بەلەفز — سۆزمۇسۆز؛
- لەفزە — بىر سۆز؛
- لەفزى رەنگىن — مەزمۇنلۇق سۆز ، گۈزەل ئىپادە؛
- لەففاز — ناتىق ، گەپدان ، سۆزمەن؛ ۋالاقتەككۈر ، لاپچى؛
- لەقەب — ئۇنۋان ، پەخرىي نام؛ ؛(لەقەممۇ دىيىلىدۇ) كېيىن قويۇلغان ئىسىم؛
- لەقۋا — پالەچ؛ كۈچ - مادارسىز؛
- لەقۋە — يۈز پالەچلىكى ، ئېغىز مايماق كېتىش كېسەلى؛
- لەك — ؛(1) يۈزمىڭ ؛ (2)«لەكىن»نىڭ قىسقارتماسى؛
- لەكەن،لەگەن — شامدان ، شام تۇرغۇزۇپ قويۇلىدىغان يېسى قاچا ؛ داس ؛
- لەكنەت — كېكەچلەش ، دۇدۇقلاش ، كېكەچ؛
- لەگەد، لەكەد — تېپىش ، تەپكۈ؛ [لەگەد قىلماق --- تەپمەك ؛ دەسسەپ ئەزمەك]؛
- لەگەدكوب، لەكەدكوب — تېپىلگەن ، تېپىلگۈچى ؛ دەسسەلگەن ، دەپسەندە قىلىنغان؛
- لەڭ — توكۇر؛ ئاقساق؛
- لەڭگۈر — لەڭگۈرلەر قۇيرۇقلۇق مايمۇنلار گۇرۇپپاسىغا تەۋە، كۆپىنچە ئاسىيادا ياشايدۇ. دەرەختە ياشاشقا ماھىر، يوپۇرماق يېيىشكە ماسلاش
- لەلمى — بىنەم؛
- لەمئە — يالقۇن ، شولا ، نۇر ، روشەنلىك ، پارلاقلىق ، چاقناش ، يورۇش؛ [لەمئە كۆرگۈزمەك --- شولا چاچماق ، نۇر ياغدۇرماق]؛
- لەمئەئى رۇخسار — يۈز شولىسى ، يۈز نۇرى؛
- لەمئەفگەن — شولا چاچقۇچى ، پارلاپ تۇرغۇچى ، پارلاق ، نۇرلۇق؛
- لەمەئات — ؛«لەمئە»نىڭ كۆپلۈكى : يالقۇنلار ، شولىلار ، پارلاقلىقلار نۇرلار ، چاقناشلار؛
- لەمس — تېگىپ سېزىش ، سىلاپ سېزىش ، تېگىپ كېتىش ؛ تۇتۇش ، سىلاش؛
- لەميەزەل — ئەبەدىي ، مەڭگۈ ، ئاخىرى يوق؛
- لەنجە/لەنج — ئەركىلەش ، ناز قىلىش ، نازلىق مېڭىش؛