لۇغەتنى كۆرۈش: ل
- لەتىف — يۇمشاق ، مۇلايىم ، گۈزەل ، كېلىشكەن ، يېقىملىق ، ئاق كۆڭۈل ؛نازۇك ، ئىنچىكە؛
- لەتىفە — لەتىپە ، كۈلكەلىك گەپ ، چاقچاق ؛ غەلىتە سۆز ، ئاجايىپ گەپ؛
- لەجاج — بىرەر ئىش ۋە تەلەپ ئۈستىدە قاتتىق تۇرۇش ، تەرسالىق قىلىش ،كاجلىق قىلىش ، ئۆزۈمچىلىك قىلىپ جېدەل قىلىش؛
- لەچەك — لىچەك ، رومال ، خوتۇن - قىزلار بېشىغا ئارتىدىغان ئۈچ بۇرجەك ياغلىق؛
- لەخت — بۆلەك ، پارچە . بىزە ، ئازغىنا ، كىچىككىنە؛
- لەخت - لەخت — پارچە - پارچە ، بۆلەك - بۆلەك؛
- لەختە — قېتىشما ، ئۇيۇما؛
- لەخشە — قىزىل چوغ؛
- لەخشەگىر — ئوتنى ياكى چوغنى قىسىدىغان قىسقۇچ؛
- لەخلەخە — دىماقنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئۈچۈن پۇرىتىلىدىغان خۇش پۇراق ماددالار ئارىلاشمىسى، خۇشپۇراق ماددالار؛
- لەخلەخەساي — خۇش پۇراقلىق ، خۇش ھىدلىق ، خۇشبۇي؛
- لەدۇننى — ئىلاھىي ، سىرلىق ، ھېچ كىشى سەۋەبىنى بىلمەيدىغان؛ [لەدۇننى ئولۇم --- ئىلاھىي ئىلىملەر]؛
- لەرز — لەرزە ، تىترەش ، قىمىرلاش ، تەۋرەش؛
- لەرزان — مەيىن؛ بىر تەكشى؛ ئاستا؛
- لەرىز — تىترىمەك؛ سىلكىنىش؛
- لەززات — ؛«لەززەت»نىڭ كۆپلۈكى : لەززەتلەر؛
- لەززەت — شىرىنلىك ، تاتلىق تەم ، لەززەت؛
- لەزىز — لەززەتلىك ، تاتلىق ، مەززىلىك ؛
- لەشكەر — قوشۇن ، ھەربىي قىسىم ؛
- لەشكەر ئارا — جەڭدە قوشۇننى رەتلىگۈچى ، قوشۇنغا سۆلەت بەرگۈچى ،قوشۇن بېزىكى ، غەلىبە قىلغۇچى؛
- لەشكەر شىكەن — غالىب ، يېڭىلمەس ، قەھرىمان؛
- لەشكەركەش — لەشكەر باشلىقى ، قوماندان ؛
- لەشكەركەشلىك — لەشكەر باشقۇرۇش ، ئەسكىرىي ئىشلار؛
- لەغۋ — ؛(1) بىمەنە گەپ ، سەپسەتە ، جۆيلۈش ، قۇرۇق سۆز ؛ پايداسىز ، مەناسىز ،بىھۇدە؛ (2) بىكار قىلىش ، ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ [لەغۋ