لۇغەتنى كۆرۈش: ل
- لەئلى سەييال — سويۇق ياقۇت (مەي )؛
- لەئلى شەكەرخاي — شېرىن لەۋ؛
- لەئلى شەھۋار — يىرىك ياقۇت ، ئەڭ ئېسىل ياقۇت ؛
- لەئلى شىرىنكار — شېرىن سۆز ئېغىز؛
- لەئلى گەۋھەربار — كۆچمە مەناسى: گۆھەر چاچىدىغان قىزىل لەۋ ، شېرىن سۆزلۈك؛
- لەئلى مەھلۇل — ئېرىتىلگەن ياقۇت ؛ كۆچمە مەناسى: قىزىل مەي؛
- لەئلى مۇزاب — ئېرىتىلگەن ياقۇت ؛ كۆچمە مەناسى: قىزىل مەي ؛
- لەئلى ناب — ساپ ياقۇت ، گۈزەل قىزىل لەۋ ؛ ساپ قىزىل مەي ؛
- لەئلى يەكدانە — يىرىك ياقۇت ، ئەڭ ئېسىل ياقۇت؛
- لەئلى يەمەن — يەمەندىن چىقىدىغان ياقۇت؛
- لەئلىي — ياقۇت بىلەن بېزەلگەن ؛ ياقۇت رەڭ ، قىزىل؛
- لەئن — لەنەت؛
- لەئىل — قىزىل رەڭلىك ئېسىل تاش؛ ياقۇت (شائىرلار بۇنى قىزىل لەۋگە ئوخشىتىدۇ)؛
- لەئىم — پەس ، نىجىس ، نومۇسسىز ، شەرمەندە؛
- لەئىن — لەنەتلىك ، لەنەتكە ئۇچرىغان ، لەنىتى ، مەلئۇن؛
- لەب — لەۋ ، كالپۇك؛ [نۆشى لەب --- شىرىن لەۋ ، تاتلىق لەۋ]؛ [لەبى ئۇننابگۇن --- چىلان رەڭ لەۋ، قىزىل لەۋ]؛
- لەبالەب، لەببەلەب — لېۋىگىچە تولغان ، لىپ تولغان ، لىپمۇلىپ ، لەپپالەپ؛
- لەببەيك — بىراۋ چاقىرغاندا بېرىلىدىغان جاۋاب سادا : «ھازىرمەن ، تەييارمەن ،قۇلاقىم سىزدە ، بۇيرۇڭ»مەنالىرىدە كېلىدۇ؛ [لەببەيك ئەيل
- لەبتەشنە — چاڭقاپ كەتكەن ، ئۇسسىغان ، ئۇسساپ كەتكەن ، تەشنا؛
- لەبىب — دىتى بار ، ئەقىللىق ، زېرەك؛
- لەت — ئۇرۇش ، يەنچىش ، زەربە بېرىش ، تەستەكلەش ، كاچاتلاش؛
- لەتائىف(لەتايىف) — ؛«لەتىفە»نىڭ كۆپلۈكى ؛ قىزىق گەپلەر ، لەتىپىلەر ، چاقچاق گەپلەر ، كۈلكەلىك گەپلەر؛
- لەتافەت — لەتىپىلىك ، نەپىسلىك ، نازاكەت ، مېھرىبانلىق ، ئاق كۆڭۈللۈك ،چاققانلىق ، زېرەكلىك؛
- لەتىپە — قىزىق بىر ۋەقە توغرىلىق ئېيتىلغان كۈلكەلىك ھىكايە؛