لۇغەتنى كۆرۈش: ل
- لەنگ — ئاقساق ، توكۇر؛ [تەمۈر لەنگ --- ئاقساق تەمۈر]؛
- لەنگەر — ؛(1) يولۇچىلار قونۇپ ئۆتىدىغان جاي ؛ قونالغۇ، كەمبەغەل ، يېتىم- يېسىرلارغا تاماق ۋە پاناھلىق بېرىدىغان جاي ، غېرىبخانا؛
- لەھەد — گۆر ، قەبرە ؛
- لەھەد(لەھەت)؛ — گۆر؛
- لەھجە — يەرلىك تىل ، شىۋە ؛ ئاھاڭ ، تون ؛ ئىپادە ، گەپ ، سۆز؛ [بەدلەھجە --- خۈنۈك ئاۋازلىق؛ قوپال سۆزلۈك]؛
- لەھزە — دەم ، دەقىقە ، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچىلىك ۋاقىت؛
- لەھم — گۆش؛ [لەھم پارە --- گۆش پارچەسى؛ كۆچمە مەناسى: يۈرەك؛
- لەھن — ئاۋاز ، كۈي ، ناخشا ، سايراش؛
- لەھنساز — كۈيلەش ، سايراش؛
- لەھنۇ ئاھەڭ — كۈيلەش ۋە سايراش؛
- لەھنى تەرەب — يېقىملىق ناخشا ، خۇش چاقچاقلىق؛
- لەھنى داۋۇدىي — داۋۇتقا ئوخشاش خۇش ئاۋاز؛
- لەھنى دىلنەۋاز — يېقىملىق كۈي؛ [لەھنى دىلنەۋاز چەكمەك --- ساز چالماق ، سايرىماق ، كۈيلىمەك]؛
- لەھنى نۆشانۆش — ئىچىملىك بەزمەسىنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭى؛
- لەھۋ — ئويۇن ، ئويۇن - كۈلكە ، تاماشا؛ بىھۇدە ئىش؛ [لەھۋ تۇخمى --- ئويۇن دانەسى]؛
- لەھۋۇ ھەۋا — ئويۇن - كۈلكە ، بىھۇدە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش؛
- لەۋ سۇرۇخ
- لەۋازىم — زۆرۈر بويۇم ، ھاجەتلىك نەرسە ، كېرەكلىك ئەشيا؛
- لەۋازىمات — ؛«لەۋازىم»نىڭ كۆپلۈكى : زۆرۈر بۇيۇملار، ھاجەتلىك نەرسەلەر، كېرەكلىك ئەشيالار؛
- لەۋامىئ — ؛«لامىئ»نىڭ كۆپلۈكى : پارقىراق نەرسەلەر ، نۇر چېچىپ تۇرىدىغان نەرسەلەر ، روشەنلىكلەر؛
- لەۋاھىق — ؛«لاھىقە»نىڭ كۆپلۈكى : قوشۇمچە نەرسەلەر ، تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان نەرسەلەر؛
- لەۋايىھ — ؛«لايىھە»نىڭ كۆپلۈكى : ق . لايىھە؛
- لەۋەند — ئاقنانچى ، بىكار تەلەپ ؛ بىۋاش ؛ لۈكچەك ، مەسئۇلىيەتسىز ؛ ئەخلاقىي، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي چەكلىمىلەردىن خېرىج بولۇپ، ئاساس
- لەۋەندانە — لۈكچەكلەرچە ، مەيخورلارچە ؛ نوچىلارچە؛