لۇغەتنى كۆرۈش: ك
- كۇسۇر/كۇسۇرات — پارچىلار ، بۆلەكلەر ، كېسىندىلەر ، كەسىرلەر؛
- كۇسۇف — ئاي ياكى كۈننىڭ تۇتۇلۇشى؛
- كۇش — سۆز بىرىكمەسىدە «ئۆلتۈرگۈچى ، سويغۇچى» مەنالىرىدە كېلىدۇ؛ [ئادەمى كۇش --- ئادەم ئۆلتۈرگۈچى ، قاتىل]؛ [خەسىم كۇش --- دۈشم
- كۇشا/ كۇشاي — سۆز بىرىكمەسىدە «ئاچقۇچى ، شادلاندۇرغۇچى» مەنالىرىدە كېلىدۇ؛ [چىھرە كۇشا ، كۇشاي --- چىراي ئاچقۇچى، شادلاندۇرغۇچى]؛ [بال
- كۇشتە — ئۆلتۈرۈلگەن ؛ ئۆلۈك؛ [كۇشتە ئەيلەمەك --- ئۆلتۈرمەك ،نابۇت قىلماق]؛ [كۇشتە دىن پۇشتە قوپارماق --- ئۆلۈكتىن تاغ ياسىماق]؛
- كۇشتىگىر — يەكمۇيەككە ئېلىشقۇچى پالۋان ، چېلىشچى؛
- كۇشىڭ — ساراي؛ ھەشەمەتلىك ئۆي؛ ھوجرا؛ قەسىر؛
- كۇفپار/ كۇففار — دىنسىزلار؛
- كۇفر — كاپىرلىق ، دىنىسىزلىق؛ [كۇفر دەيرى --- كاپىرلىق ئىبادەتخانەسى]؛
- كۇفران — دىنسىزلىق ؛ كۆچمە مەناسى: پەسلىك ، تۇزكورلۇق ، نانكورلۇق؛
- كۇففار — ؛«كافىر»نىڭ كۆپلۈكى : غەيرىي دىندىكىلەر ، كاپىرلار؛
- كۇفۋ — تەڭ ، باراۋەر ، ئوخشاش؛
- كۇفىييۇلئەسل — كۇفا شەھرىلىك ، ئەسلىي كۇفادىن؛
- كۇل — ھەممە؛ بارلىق؛
- كۇلا — ئوت-چۆپتىن ئىشلەنگەن ئاغامچا؛
- كۇلا(ھ)؛ — قەدىمدە دىۋانىلار بېشىغا كىيىۋالىدىغان ئۇچى ئۇچلۇق ئىگىز بۆك؛ قۇلاقچا (تۇماق )؛
- كۇلاچ — ؛(1) ھالۋىغا ئوخشاش بىر خىل تاتلىق يېمەكلىك؛ (2) شەربەت ، بادام بىلەن قايماق سېلىپ يېقىلغان توقاچ؛
- كۇلاغ — ق . كەلاغ؛
- كۇلالە — بۈدۈر چاچ ، باشنىڭ ئەتراپىغا يۆگەلگەن چاچ، چەمبىرەكلەنگەن چاچ؛
- كۇلاھ/كۇلەھ — كۇلا ، باش كىيىمى؛ تاج؛
- كۇلەمائ — ؛«كەلىم»نىڭ كۆپلۈكى : سۆزلەگۈچىلەر ، سۆزلەشكۈچىلەر ،سۆھبەتداشلار ؛
- كۇلەھدار — كۇلا كىيگەن ؛ باش كىيىملىك ؛ تاجدار ، تاج كىيگەن؛
- كۇلەھدارلىق — مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق ، پادىشاھلىق؛
- كۇلبە — ئاددىي ئۆي ، كۈلبە؛