لۇغەتنى كۆرۈش: ك
- كۇلبەئى ئەنا — كۈلپەت ئۆيى ؛
- كۇلبەئى ئەھزان — غەم ئۆيى ، غەمخانا؛
- كۇلبەئى خەممار — مەي دۇكىنى ، مەيخانا؛
- كۇلچىدان — بەزىبىر مەدەنلەرنىڭ گۈڭگۇرت، مىشياك ياكى سۇر بىلەن قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان مېنىرال ؛
- كۇلل — ھەممە ، پۈتكۈل ، جەمئىي ، ھەربىر؛
- كۇللاس — قانسىراش ؛ سۇسىراش؛ زەھەرلىنىش؛ يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئاغرىش نەتىجەسىدە يۈرەكنىڭ ۋە قان ئايلىنىشنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەئىپلىشى؛
- كۇللۇھە — ھەممەسى ؛
- كۇللى شەيئىن — ھەممە نەرسە؛
- كۇللى يەۋمىن — ھەر كۈنى؛
- كۇللىي — ئومۇميۈزلۈك ، ئومۇمىي ؛ كاتتا ، يىرىك ، چوڭ ، يوغان ، كاتتا ،تولۇق ، مۇكەممەل؛
- كۇللىيە — ئومۇمەن ، پۈتۈنلەي ؛ ئومۇمىيلىق ، پۈتۈنلۈك؛
- كۇللىييات — بىر نەرسەنىڭ ئومۇمىيىتى ؛ مەلۇم يازغۇچى ياكى شائىرنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توپلام؛
- كۇلۇ ۋەشرەبۇ — يەڭلار ۋە ئىچىڭلار ، قېنى ، بېقىپ ئولتۇرۇڭلار ،يېگەچ ، ئىچكەچ ئولتۇرۇڭلار ، يەپ - ئىچىڭلار ؛
- كۇلۇب — Club(ئىسىم/پېئىل)--(1) ئورتاق قىزىقىش ياكى نىشان ئۈچۈن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا، كۇلۇب، جەمئىيەت؛ (2) سپورت كومانداسى؛ (3) ك
- كۇلۇچ/تۇتقا — كۇلۇچ-ئەسۋاب تۈرى؛
- كۇلۇخ — چالما، كېسەك پارچەسى؛ [مۇلەۋۋەس كۇلۇخ --- ئىپلاس چالما]؛
- كۇلىچە — توقاچ نان ؛ يۇمىلاق نەرسە ، تۈۋرۈك نەرسە؛ [ئالتۇن كۇلىچە --- (كۆچمە مەناسى) قۇياش ،كۈن؛
- كۇمەنائ — ؛«كەمىن»نىڭ كۆپلۈكى : يوشۇرۇنغانلار ، پىستىرمىدىكى ئەسكەرلەر؛
- كۇمەيت — تورۇق ئات ، چاپقۇر ئات ، يۈگۈرۈك ئات ؛ قېنىق قىزىل مەي؛ [كۇمەيت سالماق --- ئات سالماق]؛
- كۇن — ئەرەبچە «بول ، پەيدا بول» دېگەن مەنادىكى بۇيرۇق پېئىل؛ بۇ سۆز ئاللاھنىڭ شۇ مەنادىكى بۇيرۇقى مەناسىدە قوللىنىلىدۇ؛ [نۇكتە
- كۇنام — چاتقاللىق ، ئورمانلىق ؛ ئوتلاق ، يايلاق ؛ ئۇۋا ، چاڭگا؛
- كۇنج — بۇرجەك ، بۇلۇڭ ، پۇچقاق؛
- كۇنجايىش — سىغىش ، جايلىشىش ، ئورۇنلىشىش؛
- كۇنچەك — كۇنچەك-- ئۈستىدە سپىراللىق ئىز (ئۆرۈم) بار، ئىككى نەرسەنى بىر-بىرىگە مۇستەھكەم باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مېتال تەگلىك.