لۇغەتنى كۆرۈش: ك
- كەج — ئەگرى ، قىڭغىر ،مايماق ، ناتوغرا ، دۇرۇس ئەمەس ، خاتا؛
- كەج تەبئ — قىلىقى ئوسال ، خاراكتېرى ناچار ئادەم ؛
- كەجخۇلق — تەتۈر مىجەز ، ئاچچىقى يامان؛
- كەجخىرام — ئەگرى ماڭغچى ، قىڭغىر ماڭىدىغان؛
- كەجرەپتار — كاج-ئەگرى؛ تەتۈر؛ رەپتار-مېڭش ؛ تەتۈر ئايلىنىش؛ تەتۈر ماڭىدىغان؛
- كەجرەفتار/كەجرەۋ — ئەگرى ماڭغۇچى ؛ مەككار ، ھىيىلىگەر؛ [چەرخى كەجرەفتار --- تەتۈر پەلەك]؛
- كەجكۇلاھ — باش كىيىمىنى تەتۈر كىيگەن ، بۆكىنى قىڭغىر كىيگەن؛ ئالىپىتە ، مەغرۇر؛ كۆچمە مەناسى: سۆيگەن يار؛
- كەچكۇل — قەلەندەرلەر يانلىرىغا ئېسىپ يۈرىدىغان قاپاق قاچا؛
- كەچكۈرمەك — ئۆتكۈزمەك؛
- كەچىت — كېچىك ، ئۆتىدىغان يەر؛
- كەد — ھىندىستان راجەسى (پادىشاھى )نىڭ نامى؛
- كەد خۇدا/كەد خۇداي/كەت خۇدا — ؛(1)خوتۇنلۇق ئەر ؛ ئائىلە باشلىقى ، ئەر خوجايىن ؛(2) ھۆكۈمران ،پادىشاھ ؛ ئاقساقال؛
- كەد خۇدالىق — ئۆيلەنگەنلىك ، ئائىلە باشلىقلىق ؛ ئېرى ياكى خوتۇنى بارلىق؛باشلىقلىق ، ھۆكۈمرانلىق؛ [كەد خۇدالىق ئەيلەمەك، كەد خۇدالىق قى
- كەدەر — غەم - غۇسسە ، قايغۇ ؛ ئىچ پۇشۇش ، زېرىكىش؛
- كەدبانۇ، كەتپانۇ — ئەرلىك ئايال ؛ ئايال خوجايىن ، ئۆي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئايال؛
- كەدد — جاپالىق ئىش ، مېھنەت؛ [كەدد ئەيلەمەك --- جاپالىق ئىش قىلماق ، مېھنەت قىلماق]؛ [كەددى كار --- ئىشنىڭ جاپاسى]؛
- كەدو — قاپاق ؛ كاۋا ؛ قەلەندەرنىڭ تىلەپ تاپقان پۇللىرىنى سېلىش ئۈچۈن بوينىغا ئېسىۋالغان قاپاقلىرى؛
- كەدو كەچكۇل — تىلەمچىلەر يېنىغا ئېسىپ يۈرىدىغان قاپاق قاچا؛
- كەدىشمەك — قارشىلاشماق ، تالاشماق؛
- كەدىن — كېيىن؛
- كەرابىس — ؛«كەرباس»نىڭ كۆپلۈكى : بۆزلەر ، ماتالار؛
- كەرامات — ؛«كەرامەت»نىڭ كۆپلۈكى : كارامەتلەر؛
- كەرامەت — كارامەت ، مۆجىزە؛
- كەرامەتگۇي — كارامەت كۆرسەتكۈچى؛