لۇغەتنى كۆرۈش: ك
- كەبۇد — كۆك رەڭلىك ، ھاۋارەڭ؛
- كەبىر — كاتتا، ئۇلۇغ ؛ چوڭ ، زور؛
- كەبىرە — چېكىدىن ئاشقان جىنايەت؛
- كەبىرۇششەئن — شۆھرەتلىك ، يۈزلۈك ، ئابرۇيلۇق ؛ شانلىق؛
- كەبىسە — قەمەرىيە 2- ئاينىڭ ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم 29 كۈن بۇلۇپ كېلىشى (مۇنداق يىل كەبسە يىلى دىيىلىدۇ)؛
- كەپەنەك — ق. كېپەنەك؛
- كەپتەر — ھەمامە/كۆۋەرچكەن/كەبۇتەر=كەپتەر؛ [دەمدەر--دەم تۇتۇپ، خۇش ئاۋازدا سايرىغۇچى كەپتەر]؛ [ماغ-- بېشى ، قانىتىنىڭ ئۇچى ۋە قۇير
- كەپسەن — كونا جەمئىيەتتە دىخانلارنىڭ دىنىي ھۆكۈمرانلارغا خامان ئۈستىدە بېرىدىغان خامان ھەققى؛
- كەپسەن ھەققى — كەپسەن ئۇسىغۇچى ئالىدىغان ھەق؛
- كەپشەرلەش — كۇلۇچ-ئەسۋاب تۈرى؛
- كەت — ؛(1) مۈرە ، ئۆشنە؛ (2) تەخت؛تاۋۇت؛ (3) ئارقا، كەين؛
- كەت خۇدا — ئەر؛ روزغار باشلىقى؛ ئايالغا نىسبەتەن ھۆكۈمران؛
- كەتارە — قىسقا قىلىچ، خەنجەر؛
- كەتان/كەتتان — كاناپ رەخت؛ رىۋايەت قىلىنىشىچە ، كەتان ئايدىڭغا (ئاي يورۇقىغا ) چىدىماي تېزلا يىرتىلىپ كېتەرمىش؛
- كەتانىي — كاناپتىن تىكىلگەن كىيىم؛
- كەتەبە — ؛«كاتىب»نىڭ كۆپلۈكى : ئاققا كۆچۈرگۈچىلەر ، ھۆسىنخەت يازغۇچىلار؛
- كەتتە — كاتتا؛
- كەتتەلەنمەك — ئۆزىنى چوڭ تۇتماق، گىدىيىۋالماق؛
- كەتتەلىك — كاتتىلىق ، ئۇلۇغلۇق؛
- كەتم — يوشۇرۇش ؛ يوشۇرۇنلۇق ، پەردە؛
- كەتمى ئەدەم — يوقلۇق پەردەسى؛
- كەتۇن — بىر خىل رەخت؛
- كەتىرا — Astragalus (ئىسىم) — پاقلىدەك ئائىلىسىگە (بۇغداي-پاقلا گۈللەر) مەنسۇپ، ئاساسلىقى شىمالىي خىتاي، موڭغۇلىيە ۋە سىبىرىيەدە
- كەتىف — يەلكە ، مۈرە؛