لۇغەتنى كۆرۈش: ك
- كەران/كەرانە/ گەرانە — چەت ، چېگرا ، قىرغاق ، ئۇچ ؛ دېڭىز ساھىلى؛ [بىكەران --- چېگراسىز ، چەكسىز ، بىپايان]؛
- كەراھەت — يىرگىنىش ، سەسكىنىش ، بىزارلىق؛
- كەرەپشە — كۆكتات تۈرى؛
- كەرەخت — سېزىمسىز ، ھوشسىز ، گاراخ؛ [كەرەخت بولماق --- سېزىمسىزلەنمەك ، گاراخ بولماق]؛
- كەرەشمە — ناز بىلەن قاراش . جىلۋە ، ناز - كەرەشمە؛
- كەرەك — باغرى قارا بىر خىل چۆل قۇشى؛
- كەرەگە — كىگىز ئۆينىڭ ئايلانما رىشاتكىسى؛
- كەرەم — مەردانىلىق ، ياخشىلىق ، ئالىيجانابلىق ، ئېھسان ، مەرھەمەت ، سېخىيلىك ، مەرتلىك ،شەپقەت؛ [كەرەم ئەيلەمەك --- ياخشىلىق قىل
- كەرەمكىش — ياخشىلىق قىلغۇچى ، سېخىي ، مەرت ئادەم؛
- كەرەيىت — تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرى؛
- كەرباس — ماتا ، بۆز ، خام؛
- كەرتكى — تىغ ئىزى ، كېسىك؛
- كەرج — تىلىم ، پارچە؛
- كەرچە — قارلىغاچقا ئوخشايدىغان ، لېكىن ئۇنىڭدىن چوڭراق بىر خىل قۇش؛
- كەردە — ئورۇنلانغان ، قىلىپ بولۇنغان ؛ ھەرىكەت ، پائالىيەت؛ [كەردە ناكەردە --- ئورۇنلانغان -ئورۇنلانمىغان ، قىلىنغان - قىلىنمىغا
- كەررات — ؛«كەررەت»نىڭ كۆپلۈكى: قېتىملار، نۆۋەتلەر؛
- كەرراتۇمەررات — كۆپ قېتىملار، نۇرغۇن قېتىم؛
- كەررار — بىر ئىشنى قايتا - قايتا قىلغۇچى ، تەكرارلانغان؛
- كەررەت — قېتىم ، نۆۋەت؛
- كەررەمنا — كارامەت قىلدۇق (قۇرئاندىكى ئىنسان ھەققىدەكى بىر ئايەتكە ئىشارە)؛
- كەركەس — تاپ يەيدىغان ھەم ئۇزۇن ياشاشتا داڭ چىقارغان بىر خىل قۇش؛
- كەركمەك — تەۋرىمەك ، لىڭشىماق ، قىمىرلىماق؛
- كەركىدان — كەركىدان--چوڭ تەنلى، سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى بەزى رايونلاردا ياشايدۇ. كەركىدانلارنىڭ ئەڭ كۆزگە ك
- كەركىنمەك — تەۋرىمەك . لىڭشىماق، قىمىرلىماق ، تەۋرەنمەك؛