لۇغەتنى كۆرۈش: ق
- قەلەمرەۋ — ؛(بىر پادىشاھقا) قاراشلىق زېمىن ، ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى؛
- قەلەمزەن،قەلەمكەش — يازغۇچى ، كاتىپ ، ھۆكۈم ۋە پەرمانلارنى يېزىپ تارقاتقۇچى مىرزا؛
- قەلەندەر — تەركىي دۇنيا ئادەم ، دەرۋىش ، جاھانكەشتى؛
- قەلەندەرخانە — قەلەندەرلەر تۇرىدىغان جاي؛
- قەلەندەرۋەش — قەلەندەر سۈپەت ، قەلەندەر تەبىئەت؛
- قەلب — ؛(1) يۈرەك ، دىل ؛ بىرەر جاي ياكى نەرسەنىڭ دەل ئوتتۇرىسى ، مەركەز؛ [قەلب ئەرا تۇرماق --- ئوتتۇرىدا تۇرماق]؛ (2) ئۆزگىرىش
- قەلبگاھ — مەركەز ، ئوتتۇرا ، مەركىزىي رايون؛
- قەلبلىق — ساختىپەزلىك ، يالغانچىلىق؛
- قەلبى روي ئەندۇ — ساختا ، تېشى پال - پال ، ئىچى غال -غال؛
- قەلبى سىم — يالغان كۆمۈش ، ساختا كۆمۈش؛
- قەلتەبان — رەزىل ، پەس ، ئار - نومۇس دېگەننى بىلمەيدىغان؛
- قەلچاقچى — چىشى كېيىك؛
- قەللاب — مەككار ، ھىيلىگەر ، ھىيلە ئىشلىتىپ قولغا كەلتۈرگۈچى ، ئالدامچى ،كۆز بويامچى ؛ يالغان پۇل ياسايدىغان ئادەم؛
- قەللاش — بىكارتەلەپ ، ئاقنانچى ، ھۇرۇن ؛ قېلىن ، ئىزا تارتمايدىغان ، ئارسىز؛لۈكچەك ، ھاراقكەش؛
- قەللاشلىق — بىكار تەلەپلىك ، ئاق نانچىلىق ، ھۇرۇنلۇق ، ھاراقكەشلىك ، لۈكچەكلىك؛
- قەلىل — ئاز ، ئازغىنە ؛ كەم؛ [قەلىل ئەقل --- كەم ئەقىل]؛
- قەليە — قورۇما گۆش ، قورۇما؛
- قەمئ — باستۇرۇش ، بېسىش ، مەنئى قىلىش ، چەكلەش ؛ ئۆچۈرۈش؛
- قەمارىي — ؛«قۇمرى»نىڭ كۆپلۈكى : پاختەكلەر؛ [ئۇدى قەمارىي --- ئېسىل ئۇد؛ (ق . ئۇد)]؛
- قەمەر — ئاي؛ [قەمەر تەلئەت --- ئاي جامال]؛
- قەمەرسىما — ئاي سۈرەتلىك؛
- قەمەرۇسسوفىيە — سوپىلارنىڭ پېشۋاسى؛
- قەمەرىيە — مىلادى يىل ھېساۋى؛
- قەمەرىيە كالېندارى — قەمەرىيە كالېندارى ئاينىڭ يەر ئەتراپىدىكى ھەرىكەتىگە، يەنى ئاينىڭ تولۇن ۋە يېرىم ئاي شەكىللىرىگە (فازىلىرىغا) ئاساسلىنىد