لۇغەتنى كۆرۈش: ق
- قەمتۇ — باراۋەر ، يۈزمۇيۈز؛ [دەر قەمتۇ --- بىللە بولماق]؛
- قەمل — پىت ، كانا؛
- قەمىس — كۆڭلەك ، تاش كۆڭلەك ؛ يالاڭ پەرىجە؛
- قەنادىل — ؛«قەندىل»نىڭ كۆپلۈكى . زور ۋە كۆركەم ئاسما شامدانلار ،قەندىللەر؛
- قەنتەرە — ئەگمە كۆۋرۈك؛
- قەندىل — چىراغ ؛ كۆپ شام قادىلىدىغان ئاسما شامدان ، قەندىل؛
- قەندىن — قەنتلىك ، تاتلىق ، شىرىن؛ [قەندىن كۇلاچ --- تاتلىق توغاچ]؛
- قەھەتچىلىك — قەھەتچىلىك-- كەڭ دائىرىلىك رايونلاردا ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقان ئېغىر ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەسلىكى ۋە ئاچارچىلىق ئەھۋالىنى بىل
- قەھبە — بۇزۇق ، پاھىشە ئايال؛
- قەھبەچە — بۇزۇق چوكان؛
- قەھتەرماق — ھاڭرىماق ، يېقىمسىز ئۈنلۈك تاۋۇش چىقارماق ؛ ۋارقىرىماق؛
- قەھتى ھۆسن — ھۆسن قەھەتچىلىكى ، چىرايلىقلار كەملىكى؛
- قەھر — قاتتىق ئاچچىقلىق ، دەرغەزەپ؛ [قەھر سۈرمەك --- غەزەپلەنمەك ،ئاچچىقلانماق]؛ ئىزاھى: Furious دېگەنلىك ئىنتايىن دەرەجەدە غەز
- قەھقەھە — قاقاقلاپ كۈلۈش؛ [قەھقەھە قىلماق --- قاقاقلاپ كۈلمەك]؛
- قەھھار — قەھر قىلغۇچى ، غەزەپلەنگۈچى ؛ ھەممەگە قادىر ، ھەممە ئىش قولىدىن كېلىدىغان ، ئاللاھ؛
- قەھۋە — تروپىك ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ بىر خىلى، شۇخىل ئۆسۈملۈك ئۇرۇغىدىن ياسالغان ئىچىملىك؛
- قەۋائىد — ؛«قائىدە»نىڭ كۆپلۈكى : قائىدىلەر؛
- قەۋارىر — ؛«قارۇرە»نىڭ كۆپلۈكى : ق . قارۇرە؛
- قەۋافى — ؛«قافىيە»نىڭ كۆپلۈكى : قاپىيەلەر؛
- قەۋافىل — ؛«قافىلە»نىڭ كۆپلۈكى : كارۋانلار؛
- قەۋامىس — ؛«قامۇس»نىڭ كۆپلۈكى: بۈيۈك لۇغەتلەر ؛ دېڭىزلار ،ئوكيانلار؛
- قەۋانىن — ؛«قانۇن»نىڭ كۆپلۈكى : قانۇنلار؛
- قەۋزىيەت — ئارقا پىشاپنىڭ قېتىپ كېتىشى؛
- قەۋس — يا ، كامالەك ، كامان ؛ كونا ئاسمانشۇناسلىق چۈشەنچەسى بويىچە ،ئاسماندىكى ئون ئىككى بۇرجنىڭ توققۇزىنچىسى ؛ كونا شەمسىيە كا