لۇغەتنى كۆرۈش: ف
- فەلاكەتزادە — بالاغا يولۇققان ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ، پالاكەت باسقان؛
- فەلاھ — قۇتۇلۇش ، خالاس تېپىش ، نىجاتلىق؛ [فەلاھ تاپماق --- نىجات تاپماق، قۇتۇلماق]؛
- فەلەق — ؛(1) كونا دىنىي مەكتەپلەردە بالالارنى جازالايدىغان بىر خىل قورال؛ بۇ ئوتتۇرىسىغا ھالقاسىمان تاسما ئۆتكۈزۈلگەن بىر خىل يا
- فەلەك — ئاسمان ، كۆك ، بەخت ، تەلەي ، تەقدىر ، قىسمەت؛ [فەلەك پىلى --- (كۆچمە مەناسى) قۇياش]؛ [فەلەك تۈركىي --- مىررىخ سەييارەسى
- فەلەك پەيۋەند — يۈكسەك؛
- فەلەك جاھ — يۇقارى مەرتىۋەلىك؛
- فەلس — يارماق ، مىس پۇل؛
- فەلسەفىييات — پەلسەپە ئىلىملىرى؛
- فەللە — يېڭى تۇغقان ھايۋاننىڭ دەسلەپكى سۈتى ، ئوغۇز ؛
- فەم — ئېغىز؛
- فەمەۋان — ؛«فەم»نىڭ كۆپلۈكى : ئېغىزلار؛
- فەنا — يوقۇلۇش ، تۈگەش ، ئۆلۈش ، يوقلۇق ؛ ئۆزلۈكنى يوقۇتۇپ ، ھەممە بارلىقتىن كېچىپ ئىلاھىيەتكە سېغىنىش (تەسەۋۋۇپتا ) ؛ [دەيرى ف
- فەنن — بىلىم ، ئىلىم ، پەن ، ھۈنەر؛ سەنئەت ، ھىيلە؛ [ فەننى ئىلىم --- پەننىي ئىلىم]؛ [يەكفەنن --- ئىختىساسلىق ، ئۆز ھۈنىرىنى تو
- فەھم — پەم ، ئىدراك ، چۈشەنچە ، ئەقىل ، پاراسەت ، ئەقىل قۇۋۋەتى؛
- فەھم جىنس — چۈشەنچىلىكلەر؛ كۆچمە مەناسى: ئەدەبىيات - سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار؛
- فەھملەمەك — تۇيماق ، بىلمەك ، بىلىپ قالماق؛
- فەۋاتىھ — ؛«فاتىھە»نىڭ كۆپلۈكى: باشلىنىشلار ، باشلانمىلار ، كىرىش سۆزلەر؛
- فەۋاجىئ — ؛«فاجىئە»نىڭ كۆپلۈكى : بالايىئاپەتلەر ، بەختسىزلىكلەر ،كېلىشمەسلىكلەر ، پاجىئەلەر؛
- فەۋازىل — ؛«فازىل»نىڭ كۆپلۈكى : قالدۇقلار ، ئېشىندىلار؛
- فەۋاسىل — ؛«فاسىل»نىڭ كۆپلۈكى : پاسىللار؛
- فەۋاكىھ — ؛«فاكىھە»نىڭ كۆپلۈكى : مېۋىلەر ؛
- فەۋاكىھلىغ — مېۋىلىك؛ [فەۋاكىھلىغ باغ --- مېۋىلىك باغ]؛
- فەۋايىد/فەۋائىد — ؛«فايىدە»نىڭ كۆپلۈكى : پايدىلار ، مەنپەئەتلەر ، نەپلەر؛
- فەۋايىدۇلكىبەر — نەۋايى دىۋانلىرىدىن بىرىنىڭ نامى (قېرىلىق مەزگىلىدىكى پايدالىق ئىشلار) ؛