لۇغەتنى كۆرۈش: ف
- فەۋت — يوقۇلۇش ، قولدىن بېرىش ، ئۆتۈپ كېتىش ؛ ئۆلۈم ، ۋاپات بولۇش؛ [فەۋت بولماق، فەۋت ئولماق --- يوقاتماق (ۋاقىت) ئۆتۈپ كەتمەك؛
- فەۋج — جامائەت ، گۇرۇپپا ، گوروھ ، توپ ؛ قوشۇن ، چېرىك؛
- فەۋر — تېزلىك ، سۈرئەت ، چاپسانلىق ، ئىلداملىق ، قايناش ، پوروقلاش ، ئۆركەشلەش؛ ھاياجانلىشىش؛
- فەۋرەن — تېزدىن ، تېزلا ، دەرھال؛ [فەۋرەن كەل --- دەرھال كەل]؛
- فەۋق — ئۈست، يۇقارى؛ [فەۋقى تەبىئەت --- تەبىئەتتىن تاشقىرى]؛ [فەۋقۇلئاددە --- ئادەتتىكىلەردىن يۈكسەك، ھەممەدىن يۇقارى ، پەۋقۇلئ
- فەۋقانىي — ئۈستۈنكى ، ئۈستىدىكى ، يۇقارىدىكى ؛ يۈكسەك ، يۇقارى دەرەجەلىك [فەۋقانىي ئاسمان --- يۈكسەك ئاسمان]؛
- فەۋقانىييەت — ئۈستۈنلۈك ، يۈكسەكلىك ؛ ئۈستۈنكى ، يۇقارىدىكى؛
- فەۋقۇس سۈرەييا — ھۈكەردىن يۇقارى ، ئەڭ يۇقارى؛
- فەۋقۇل فەلەك — پەلەكنىڭ ئۈستى ، ئاسماننىڭ قەرى ، ئەڭ يۈكسەك؛
- فەيز — مەمۇرچىلىق ، موللۇق ، كۆپلۈك ، زىيادىلىك؛ مەرھەمەت ، ئىنئام ،ئېھسان ، تارتۇق ، تۆھپە ،خۇشاللىق ، دىل شادلىقى ، بەھرە؛
- فەيكان — ئوقيانىڭ ئوقى؛
- فەيلاسوف — پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانغۇچى ، پەيلاسوپ ؛ مۇتەپەككۇر ؛ ئالىم؛
- فەيلاسوفۋەش — پەيلاسوپ سۈپەت ، پەيلاسوپ مىجەز؛
- فەيمانە — ئۆلچەم؛ قاچا؛ پىيالە؛
- فراگمېنتاتسىيە — Fragmentation(ئىسىم)--بىر پۈتۈن نەرسە، سىستېم ياكى تۈزۈلمەنىڭ كىچىك پارچىلارغا بۆلۈنۈش، تارقىلىپ كېتىش ياكى ياخشى ئۇيغۇن
- فرونت — جەڭ رايونىنىڭ ئالدىنقى تەرەپى؛ جەڭ مەيدانى؛ 1- سەپ؛
- فلوت — Fleet(ئىسىم/سۈپەت)-- (1)بىر مەقسەت ئۈچۈن بىرگە ئىشلەيدىغان كېمە، ئايروپىلان ياكى ماشىنىلار گۇرۇپپاسى؛ (2) سۈپەت مەناسىدا
- فوتە — پوتا ، بەلباغ ، لۆڭگە؛
- فوتوگىراف — سۈرەتكە تارتقۇچى ۋە ئالغۇچى؛
- فوتومېتىر — يورۇقلۇق ئۆلچەش ئەسۋابى؛
- فورما — Uniform(ئىسىم/سۈپەت)-- بىر خىل تەشكىلات، مەكتەپ، ھەربىيە ياكى كەسىپنىڭ ئەزالىرى تەرەپىدىن كىيىلىدىغان ئورتاق ئاندىزىلىق
- فورمات — ھەجىم (سۈرەت، كىتاب، قەغەزنىڭ)؛
- فورماتسىيە — Formation(ئىسىم)--(1) بىر نەرسەنىڭ ئاستا-ئاستا ياكى تەدرىجىي ھالدا پىشىپ، شەكىللىنىپ ياكى ۋۇجۇدقا كېلىش جەريانى؛ (2) بىر
- فورمۇلا — Formula(ئىسىم)--كۆپ خىل مەنادا ئىشلىتىلىپ، ئاساسەن ماتېماتىكا ياكى ئىلىمدا ھېسابلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سىمۋول ۋە ھەرپل