لۇغەتنى كۆرۈش: ف
- فەسانە پەرداز/فەسانە پەيۋەند — ھېكايە ئېيتقۇچى ، داستانچى؛
- فەساھەت — پاساھەت (ئوچۇق ، راۋان ، روشەن ، يېقىملىق ، قائىدەگە مۇۋاپىق بولغان نۇتۇقنىڭ ئاساسىي ئۆلچەمى) ، تىل گۈزەللىكى ، تىل ماھا
- فەسخ — بىكار قىلىش ، ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛
- فەسد — تومۇردىن قان ئېلىش؛ [فەسىد قىلماق --- تومۇردىن قان ئالماق]؛
- فەسس — ئۈزۈك كۆزىگە ئورنىتىلغان ئېسىل تاش؛ كۆچمە مەناسى: ئۈزۈك؛
- فەسل — بۆلۈم ، باب ، مەۋسۇم ، پەسىل؛
- فەسلۇلخىتاب — كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ؛ ناتىقنىڭ ئاڭلىغۇچىلارغا دېمەكچى بولغان ئاساسلىق گېپى؛ تەسەۋۋۇپقا ئائىت بىر كىتابنىڭ نامى؛
- فەسھگۇفتار — پاساھەتلىك سۆزلەيدىغان ، تىلى پاساھەتلىك ، تىلى گۈزەل؛
- فەسىل — سېپىل ، تام ، پاسىل ، قاشا؛
- فەسىھ — پاساھەتلىك (نۇتۇقنىڭ ئېنىق ، راۋان ، گۈزەل ھەم قائىدەگە ئۇيغۇن بولۇشى) : تىلى پاساھەتلىك ، تىلى گۈزەل ؛ ناتىق؛ [فەسىھ گۇ
- فەسىھىي — پاساھەت ، تىل گۈزەللىكى ، ئىپادە يارقىنلىقى؛
- فەفھەم — چۈشەن ، ئاڭلا ۋە پەم قىل! دىققەت قىل؛
- فەقاھەت — ئىسلام قانۇنىغا ئائىت بىلىملەر؛
- فەقەرات — ؛«فەقەرە»نىڭ كۆپلۈكى : ئۇمۇرتقا سۆڭەكلىرى ؛ مۇھىم نۇقتىلار ، ئاساسىي مەزمۇنلار ، بابلار، بۆلەكلەر ، قىسىملار ؛ پارچىلار
- فەقەرە — ئومۇرتقا، ئۇمۇرتقا سۆڭىكى ؛ مۇھىم نۇقتا ، مەزمۇن ، باب ، ئابزاس ،بۆلەك ، قىسىم ؛ پارچە، ئابزاس؛
- فەقر — كەمبەغەللىك ، نامراتلىق ، يوقسۇللۇق ، تەركىدۇنيالىق؛
- فەقرۇغەنا — نامراتلىق ۋە بايلىق؛
- فەقرۇفەنائ — تەركىدۇنيالىق ۋە فەنالىق (سوپىلىقتا)؛
- فەقىر — پېقىر ، كەمبەغەل ، نامرات ؛ مۇھتاج ؛ دۇنيا ۋە نازۇنېمەتلەردىن مەھرۇم؛ مەن (كەمتەر تەرزى)؛
- فەقىھ — ئىسلام قانۇنىنىڭ ئالىمى ، شەرىئەتشۇناس؛
- فەلاخۇن — تاش سېلىپ ئاتىدىغان قورال ، سالغا (قەدىمىي ئۇرۇش قوراللىرىنىڭ بىر خىلى) ؛
- فەلاسىفە — ؛«فەيلاسوف»نىڭ كۆپلۈكى : پەيلاسوپلار؛
- فەلاكەت — بالا ، ئاپەت ، بەختسىزلىك ، پالاكەت؛
- فەلاكەتبار — بەختسىزلىككە يولۇققان ، بېشىغا كۈن چۈشكەن ، ئاپەتكە ئۇچرىغان؛