لۇغەتنى كۆرۈش: ف
- فەرىسە — تېۋىپلار «كۆك يۆتەلگە دورا بولىدۇ» دەيدىغان پەيلىرى چىرايلىق بىر خىل ئوۋ قۇشى ؛ئوۋلانغان نەرسە ، ئولجا ، غەنىيمەت ، چاپا
- فەرىفتە — مەپتۇن ، مەھلىيا بولغان ؛ ئالدانغان؛
- فەرىق — توپ ، گۇرۇپپا ، گۇرۇھ؛
- فەرياد — ياردەم تىلەپ توۋلاش ، ۋارقىراش ، نالە قىلىش؛
- فەريادرەس — باشقىلارغا ياردەم قىلغۇچى ، قۇتقۇزغۇچى، مۇھاپىزەت قىلغۇچى ، پاناھىغا ئالغۇچى؛
- فەزا — بوشلۇق؛ئوچۇقلۇق؛
- فەزائ — ئوچۇقچىلىق ، ئوچۇق يەر ، مەيدان ، بوشلۇق ، كەڭلىك ؛ ئالەم ، ئاسمان بوشلۇقى؛
- فەزائى — دات-پەريات؛تەشۋىش؛
- فەزايى مامەزا — ئۆتكەندە قىلالمىغان ئىشنى كېيىن قىلىش؛
- فەزايىل/فەزائىل — ؛«فەزىلەت»نىڭ كۆپلۈكى : پەزىلەتلەر؛
- فەزايىھ/فەزائىھ — ؛«فەزىھەت»نىڭ كۆپلۈكى : رەسۋالىقلار ، شەرمەندەلىكلەر؛
- فەزەئ — قورقۇنچ ، ۋەھىمە ، دەھشەت ؛ قايغۇ ئارقاسىدا سەۋرسىزلىنىش ، قايغۇدىن تاقەتى تاق بولۇش؛
- فەزەلات — ؛«فەزلە»نىڭ كۆپلۈكى : ئېشىندىلار ، قالدۇقلار ، ئارتۇق نەرسەلەر ، كېرەكسىز نەرسەلەر؛
- فەزل — ئارتۇقلۇق ، ئۈستۈنلۈك ؛ يېتىكلىك ، كامىللىق؛ ئىلىم - پەن ، ھۈنەر ،تالانت؛ [فەزل ئەھلى، ئەھلى فەزل --- بىلىملىك ، ئالىم ،
- فەزلە — ئېشىندا ؛ قالدۇق ، ئارتۇقچە ، كېرەكسىز؛
- فەزلىييات — پازىللىق ، ئالىملىق ، دانالىق؛
- فەزىلەت — پەزىلەت ، ئېسىل ئەخلاق ، ئارتۇقچىلىق ، ئالاھىدىلىك؛
- فەزىھەت — رەسۋالىق ، شەرمەندەلىك ، ئۇيات؛
- فەزىھەت ئامىز/فەزىھەت ئاۋەر — شەرمەندە ، يۈزى چۈشكەن ، ئابرويىنى يوقاتقان؛
- فەزىھەت ئەنگىز — ئۇيالدۇرىدىغان ، ئۇياتقۇسىنى كەلتۈرىدىغان ،شەرمەندە قىلىدىغان؛
- فەزىھەت اسا — شەرمەندىلەرچە ؛ نومۇسسىز ، رەزىللىك بىلەن؛
- فەساد — بۇزۇلۇش ، چىرىش ، سېسىش ، بۇزۇقلۇق ؛ بۇزۇقچىلىق ، ئەخلاقسىزلىق ؛ چۈشكۈنلۈك ،تەرتىپسىزلىك ، قالايمىقانچىلىق ، توپىلاڭ ، ئ
- فەسادئادەم — دۈشمەنلىككە،پەسلىككە يۈرىدىغان ئادەم؛
- فەسانە — ھېكايە ، داستان ، سەرگۈزەشتە ، ئەپسانە ، چۆچەك ، ئويدۇرما؛ [فەسانە ئەيتماق ---ھېكايە ئېيتساق ، سەرگۈزەشتلەرنى سۆزلەپ بەر