لۇغەتنى كۆرۈش: ف
- فەرسەنگ — [فەرسەنگ=فەرسەڭ/فەرسەخ]؛ مۇساپە ، ئۆلچەم بىرلىكى ، بىرفەرسەنگ 24 .6 كىلومېتىرغا باراۋەر؛
- فەرسۇدە — تىتىلغان ، يىرتىلغان ، كونىرىغان ، ئۇپرىغان ، ھارغىن ، ھالسىزلانغان ، ئېزىلگەن؛ [فەرسۇدە ھال --- ھېرىپ - چارچاپ قالغان]؛
- فەرسۇدەلىغ — كونىراش ، يىرتىلىش ، ئۇپراش ، ھارغىنلىق ، چارچاش؛
- فەرش — سېلىش ، يېيىش ، ياققۇزۇش ، سېلىنغان ، يېيىلغان ، ياتقۇزۇلغان نەرسە ، سېلىنچا؛
- فەرشى رەھى — يولغا يېيىلغان ، يولغا سېلىنغان ، پايانداز؛
- فەرشى غەبرا — يەر يۈزى؛
- فەرقەد — شىمالىي قۇتۇپ تەرەپىدىكى ئىككى يورۇق يۇلتۇزنىڭ بىرى؛ چوققا (باشنىڭ)؛
- فەرقەدان — شىمالىي قۇتۇپ تەرەپتىكى ئىككى يورۇق يۇلتۇز؛
- فەرما — Farm(ئىسىم/پېئىل)--(1) ئىسىم سۈپەتىدە زىرائەت مەھسۇلاتلىرى يېتىشتۇرۇش، چارۋا-قۇش ياكى باشقا دېھقانچىلىق پائالىيەتى بىلەن
- فەرما/فەرماي — سۆز بىرىكمەسىدە «بۇيرۇغۇچى» مەناسىدە كېلىدۇ؛ [ كارفەرما --- ئىش بۇيرۇغۇچى ، ئىشقا سالغۇچى]؛
- فەرمان — بۇيرۇق ، ئەمىر ، پەرمان؛
- فەرمان رەۋا — ھۆكۈمران ، ھۆكۈمدار ؛ باشقۇرغۇچى؛
- فەرمانبەر/فەرمانبەردار — بويسۇنغۇچى ، ئىتائەت قىلغۇچى ، بۇيرۇلغان ئىشنى بېجىرگۈچى ، بۇيرۇق - پەرماننى ئىجرا قىلغۇچى؛
- فەرمانپەزىر — پەرماننى ئىجرا قىلغۇچى ، بويسۇنغۇچى؛
- فەرماندە — ھۆكۈمدار ، پەرمان چۈشۈرگۈچى؛
- فەرمانلاماق — بۇيرۇماق ، بۇيرۇق قىلماق؛
- فەرھەنگ — بىلىم ، ھۈنەر ، ئىلىم ، ئەقىل ، ئەدەپ ؛ لۇغەت ، سۆزلۈك؛ [فەرھەنگى فارسىي بە چىينىي --- پارسچە - خەنزۇچە لۇغەت]؛
- فەرۇ — تېرىدىن تىكىلگەن كىيىم ، جۇۋا؛
- فەرىب ئامىز، فىرىب ئامىز — ساختا ، نەيرەڭلىك ، ئادەم ئالدايدىغان؛
- فەرىب، فىرىب — دام ، مىكىر ، ھىيلە ، ئالدام؛
- فەرىبكار/فەرىبگەر — ئالدامچى ، ھىيلىگەر؛
- فەرىد — بىردىنبىر ، يېگانە ؛ تەڭداشسىز ، مىسلىسىز؛
- فەرىدۇل ئەسر — دەۋرنىڭ يەكتاسى ، زاماننىڭ ئەڭ داناسى؛
- فەرىدى زەمان — زاماننىڭ يەكتاسى ، ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ داناسى ؛