لۇغەتنى كۆرۈش: ف
- فەرخۇندە خۇ — خۇش پېئىل ، ئېسىل تەبىئەتلىك؛
- فەرخۇندە راي — دانا ، چىۋەر ، ئاقىل؛
- فەرخۇندە فەرجام — ياخشى ئاقىۋەت ، ئوبدان نەتىجە بېرىدىغان ،گۈللەنگەن ، راۋاج تاپقان؛
- فەرخۇندەپەي — ئامىتى كەلگەن ، قەدىمى قۇتلۇق ، ئايىقى ياراشقان؛
- فەرخۇندەلىق — خۇشاللىق ، شادلىق ، بەختىيارلىق؛
- فەرد — يەككە ، يالغۇز ، تاق ؛ ئاجرالغان؛
- فەردا / فەرداي — ئەتە ، تاڭلا؛
- فەرراش — پالاس سالغۇچى ، خىزمەتكار ، چاپارمەن ؛ مازار ، مەدرىسە ، مەسچىت قاتارلىق جايلارنى سۈپۈرۈپ ، تازىلاپ يۈرگۈچى ؛ قوغدىغۇچى؛
- فەرراشگەرلىك — قاراۋۇللۇق ، خىزمەتكارلىق؛
- فەرران — راۋان ، تېز؛ [فەرران ئوقۇماق --- دۇدۇقلىماي راۋان ئوقۇماق؛
- فەررەست — بىرەر نەرسە ئېتىلغاندا ياكى ئۇرۇلغاندا چىققان ئاۋاز؛
- فەرروھ — قۇتلۇق؛ مۇبارەك؛
- فەررۇخ — گۈزەل ، چىرايلىق ؛ ئوچۇق چىراي ، يېقىملىق ؛ شاد ، قۇتلۇق ،بەختىيار ؛ تەلەيلىك ،ئامەتلىك ؛ ھەيۋەتلىك؛ [فەررۇخ بولماق ---
- فەررۇخ ئايىن — ياخشىلىق كەلتۈرگۈچى ، بەختىيار قىلغۇچى؛
- فەررۇخ شەۋكەتلىغ — بەختىيار ، سالاپەتلىك ، سۆلەتلىك؛
- فەررۇخسىپەر — گۈزەللىك بېغىشلىغۇچى ، ياخشىلىق ئاتا قىلغۇچى ،شادلىق كەلتۈرگۈچى؛
- فەررۇخفال — تەلەيلىك ، بەختىيار ، ئىستىقباللىق ، كېلەچىكى پارلاق؛
- فەررى تاج — تاج بېزىكى ، تاج زىننىتى؛
- فەررى شاھى — شاھلىق سۆلەتى؛
- فەرزانە — ئاقىل ، دانا ، چىۋەر ، دانىشمەن ، ئالىم ، پەيلاسوپ ، دانالىق بىلەن ،ئاقىلانە؛ ئەقىللىق؛
- فەرزانە تەبئ — دانىشمەن؛
- فەرزانەلىق — ئاقىللىق ، دانالىق؛
- فەرزىييات — پەرەزلەر ، مۆلچەرلەر ، تەسەۋۋۇرلار؛
- فەرسا/فەرساي — سۆز بىرىكمەلىرىدە «ھوشىدىن كەتكۈزگۈچى ، ھالسىزلاندۇرغۇچى ،يوقاتقۇچى ، بۇزغۇچى»دېگەندەك مەنالاردا كېلىدۇ؛ [قەدەم فەرساي -