لۇغەتنى كۆرۈش: ف
- فەر - فەر — تېز - تېز ؛ تەكرار ، قايتا - قايتا؛
- فەرئ — شاخ ، شاخچە ، تارماق ، شۆبە؛
- فەرائىد — ؛«فەرىد»، «فەرىدە»نىڭ كۆپلۈكى : بىردىنبىرلەر ، تەڭداشسىزلار . مىسلىسىزلار ، تەڭدىشى يوق بىباھا گۆھەرلەر؛
- فەرائىنە — ؛«فىرئەۋن»نىڭ كۆپلۈكى : پىرئونلار ؛ كۆچمە مەناسى: زالىملار،مۇستەبىتلەر؛
- فەراخ — كەڭ ، مول ، خۇشال ، شاد ، جىمجىت ، تىمتاس؛
- فەراز — يۇقارى ، ئېگىزلىك ، ئۈست ، تۆپە ؛ ئوچۇق ، ئېچىقلىق؛ [فەراز ئەيلەمەك --- ئاچماق]؛
- فەراسىخ — ؛«فەرسەخ»نىڭ كۆپلۈكى ؛ پەرسەخلەر؛
- فەراغ / فەراغەت — تىنچلىق ، خاتىرجەملىك ، ئىستىراھەت ؛ بوش - بىكارلىق ، ئازادلىق؛ [ مايەئى فەراغەت --- تىنچلىق ئاساسى]؛ [فەراغەت ئىستەمەك
- فەراغەتسەنج — تىنچ ، خاتىرجەم ، راھەتتىكى ، ئارام قالغان؛
- فەرامۇش — ئۇنتۇلۇش ، ئۇنتۇلغان؛ [فەرامۇش بولماق--- ئۇنتۇلماق]؛
- فەرامۇشخانە — ئۇنتۇلۇش ئۆي ، تۈرمە ، قاماقخانا؛ كۆچمە مەناسى: گۆر؛
- فەرامىن — ؛«فەرمان»نىڭ كۆپلۈكى : بۇيرۇقلار ، ئەمىرلەر ،پەرمانلار؛
- فەراھەم — توپلانغان ، يىغىلغان ، جەم بولغان ، تەخ ، نەخ ، تەييار؛ [فەراھەم قىلماق --- توپلىماق ،يىغماق]؛
- فەراۋان — پاراۋان؛
- فەراۋان (پاراۋان)؛ — بايلىق؛بارلىق؛خوجۇلۇق؛
- فەرايىز /فەرائىز — ؛«فەرىزە»نىڭ كۆپلۈكى : مەجبۇرىيەتلەر ، پەرھىزلەر؛
- فەرەس — ئات؛ [فەرەس سۈرمەك --- ئات سالماق ، ئاتلانماق]؛
- فەرت — ھەددىدىن تاشقىرىلىق ، ھەددىدىن ئېشىش ، ئارتۇقلۇق ، چەكسىزلىك؛
- فەرتۇت — قېرىپ ئىشتىن چىقىپ قالغان ، قېرىپ ھالىدىن كەتكەن ؛
- فەرتۇتلۇغ — قېرىپ ئىشتىن چىقىپ قالغانلىق ، قېرىلىق؛
- فەرتى مۇھەببەت — مۇھەببەتنىڭ چەكسىزلىكى ، سۆيگۈنىڭ ئارتۇقلۇقى؛
- فەرجام — ئاقىۋەت ، نەتىجە ، خۇلاسە ؛ پايدا ، كېيىنلىك ، ئاخىر؛
- فەرخۇندە — قۇتلۇق ، سائادەتلىك ، بەختلىك ، شاد ، خۇشال ، سائادەتمەن؛ [فەرخۇندە ئەختەر --- قۇتلۇق يۇلتۇز ، بەخت يۇلتۇزى ، بەختلىك ،
- فەرخۇندە تالىئ — تەلىيى ئوڭ كەلگەن ، بەختلىك؛ (فەرخۇندە تالىئ = فەرخۇندە فال)؛