لۇغەتنى كۆرۈش: غ
- غۇلۇۋ — ھەددىدىن ئېشىپ كېتىش ، چېكىدىن ئېشىپ كېتىش ، ھەددىدىن زىيادە ماختاش ، مۇبالىغە ، ئەسەبىيلىك؛ ھۇجۇم ؛ غەلۋە ، قىيا - چىيا
- غۇلى بىيابانى — چۆل دىۋىسى؛
- غۇم — ئاداۋەت؛ ئۆچمەنلىك؛ گىنا؛
- غۇما — كىچىك خوتۇن ، توقال خوتۇن؛
- غۇمۇم — ؛«غەمم»نىڭ كۆپلۈكى : غەملەر ، قايغۇلار ، خاپىلىقلار؛
- غۇنچەچى — Mistress(ئىسم)--بۇ ئىنگلىزچە كىلاسسىك ئاتىلىشى. Homewrecker(ئىسىم)--بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى ناھايىتى ئېغىر بۇلۇپ،غەيرى رەسمىي خو
- غۇنۇم — ؛«غەنەم»نىڭ كۆپلۈكى: قويلار، قوي پادىسى؛
- غۇۋا — روشەن بولمىغان؛خىرە؛
- غۇيران — ئەپۇ ۋە مەرھەمەت قىلىنغان؛
- غۇيۇب — ؛«غەيب»نىڭ كۆپلۈكى : غايىبلار ، كۆز ئالدىدا بولمىغان نەرسەلەر ، يوشۇرۇن نەرسەلەر؛
- غېرىپ — ھېچكىمى يوق؛يۆلەنچۈكسىز؛ يات يەرگە بېرىپ قالغان؛
- غىباس — ياردەم؛ ياردەمچى؛
- غىتائ — يوپۇق ، يېپىنچا؛ تۇۋاق ، ياپقۇچ؛
- غىجىر — گىيە؛ ماددا؛
- غىربال — غەلۋىر؛
- غىزائ — تاماق ، ئوزۇق؛
- غىزائىي — ئوزۇقلۇق؛
- غىزال(غەزال) ؛ — كىيىك؛ ھايۋانات تۈرى؛
- غىزالە — كىيىك بالاسى؛ ھايۋانات تۈرى؛
- غىلاف — قاپ ، خالتا ، كونۋېرت ، غىلاپ؛
- غىلافات — ؛«غىلاف»نىڭ كۆپلۈكى : غىلاپلار؛
- غىلال(غۇل،غەلال) ؛ — ئىشكەل؛
- غىلزەت — قوپاللىق ، ئەگرى - بۈگرىلىك ، قوپال ، توم ، يوغان ، قويۇق؛دۇغلۇق ، سۈزۈك ئەمەس؛
- غىلمان — ؛«غۇلام» سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى. ئادەتتە ، «ئوغۇل خىزمەتكار ، جەننەتتىكى خىزمەتكار» دېگەن بىرلىك ئۇقۇمىدىمۇ قوللىنىلىدۇ؛