لۇغەتنى كۆرۈش: غ
- غۇجفاۋ — ئېشەكنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويۇلىدىغان مۇنچاق قاتارلىق نەرسەلەر؛
- غۇدەد — بەز ؛ ئۆسمە ، مەرەز؛
- غۇرەبائ — ؛«غەرىب»نىڭ كۆپلۈكى: غېرىبلار ، مۇساپىرلار؛
- غۇرەر — ؛«غۇررە»نىڭ كۆپلۈكى: يېڭى ئايلار ، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنلىرى؛
- غۇربەت — غېرىبلىق ، مۇساپىرلىق، ئۆز ۋەتەنىدىن يىراقتا تۇرۇش؛ سەرگەردانلىق ، سەرسانلىق؛
- غۇربەتكەش — غېرىبلىق تارتقۇچى، غۇربەتتە قالغان؛
- غۇرران/غۇررەندە — غەزەپلىك ھۆرگىرىگۈچى، ۋارقىرىغۇچى ، ھۇۋلىغۇچى ، ۋارقىرىغان ،ھۆركىرىگەن؛ [شىرى غۇرران --- غەزەپلىك ھۆركىرىگەن شىر]؛
- غۇررە — ھەربىر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى . يېڭى ئاي؛
- غۇرفە — بالىخانا ، بالىخانا ئايۋانچىسى؛
- غۇرۇب — كۈن ئولتۇرۈش ، زاۋال بولۇش؛
- غۇرۇنبىش — ۋارقىراش ، ھۆركىرەش ، توۋلاش؛ [غۇرۇنبىش ئەيلەمەك --- ھۆركىرىمەك ، دەھشەتلىك ئاۋاز چىقارماق]؛
- غۇزات — ؛«غازىي»نىڭ كۆپلۈكى : دىن يولىدا جەڭ قىلغۇچىلار ، غازىيلار؛
- غۇسسە — غەم ، قايغۇ ، ھەسرەت ، دەرد؛
- غۇسسە پەرداز — قايغۇرغۇچى ، غەمخور ، غەمگۇزار ، كۆڭۈل بۆلگۈچى؛
- غۇسسە سەنج — غەم يېگۈچى ، قايغۇرغۇچى؛
- غۇسل — سۇغا چۆمۈلۈش ، يۇيۇنۇش ، پۈتۈن ئەزانى سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇش؛ [غۇسل ئەيلەمەك، غۇسل ئەتمەك --- سۇغا چۆمۈلمەك، يۇيۇنماق، غۇس
- غۇسلخانە — يۇيۇنۇش ئۆيى ، مۇنچا؛
- غۇسۇل(غۇسلى)؛ — جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىنكى يۇيۇنۇش؛
- غۇغا — ۋارقىراش ، جارقىراش ، سۈرەن؛
- غۇل — ؛(1) زەنجىر ، تۆمۈر ھالقا ، چەمبىرەك؛ (2) دىۋە ، كۆزگە كۆرۈنىدىغان نەرسە دەپ رىۋايەت قىلىنىدىغان جىن ، ئالۋاستى ؛ دىۋە ؛
- غۇلام — ياش بالا ؛ بالا خىزمەتكار؛ قۇل؛
- غۇلغۇل — شاۋقۇن ، سۇنىڭ شارقىرىشى ؛ ۋاراڭ - چۇرۇڭ ، شاۋقۇن - سۈرەن؛
- غۇلۇل — كانايدا تۇرۇپ قېلىپ تەستە يۇتۇلغان تاماق؛
- غۇلۇلە — يۇمىلاق نەرسە ، شار ؛ ئورالغان ، ئورام؛