لۇغەتنى كۆرۈش: غ
- غەۋس لۇججەئى ھىلاج — ئۆمۈر بۇلىقىنىڭ ئەڭ تېگىگە يېتىش؛ [غەۋس لۇججەئى ھىلاج ئەتمەك ---ئۆمۈر بۇلىقىنىڭ ئەڭ تېگىگە يەتمەك]؛
- غەۋسۇلئەئزەم — بۈيۈك مەدەتكار؛
- غەۋۋاس — سۇ تېگىگە چۈشكۈچى ، سۇ ئاستىغا شۇڭغۇغۇچى؛ سۇ ئاستىغا چۈشۈپ ئۈزگۈچى؛
- غەۋۋاسلىق — سۇ ئاستىغا چۈشۈش ، سۇغا چۆكۈش؛
- غەيب — نەق مەيداندا يوقلۇق ، غايىبلىق ، كۆزگە كۆرۈنمەسلىك ، سىر ، يوشۇرۇنلۇق؛ [ئىلمى غەيب --- سىرنى بىلىش ، كۆرۈلمىگەن نەرسەلەر
- غەيبەت — ؛(1) بىراۋ يوق پۇرسەتتە ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىش؛ (2) ق . غەيب؛
- غەير — ئۆزگە ، باشقا ، بىگانە ، يات؛ [غەيرى رىزا --- رازىلىقسىز]؛ [غەيرى مەۋقىئ --- مەۋقەسىز،مەيدانسىز ، ئورۇنسىز]؛ [غەيرى خالى
- غەيرەت — قىزغىنىش ، ھەسەت ، كۆرەلمەسلىك ؛ تىرىشچانلىق ، بېرىلىش ،قىزغىنلىق ، ئىجتىھات؛
- غەيرەتكەش, غەيرەتمەند — ئىجتىھاتلىق ، تىرىشچان ، غەيرەتلىك؛
- غەيرەتلىك
- غەيرى مەشرۇ — شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەس؛ ئادەتتە بىر نەرسەنىڭ ئەخلاق ياكى جەمئىيەت نىزاملىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛
- غەيرى مۇكەررەر — باشقا يەردە يوق ، باشقىلاردا يوق؛
- غەين — ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى «غ » ھەرپىنىڭ نامى؛
- غەيۇر — ؛(1) قىزغىن ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىققا ئىگە؛ باتۇر ، پالۋان، پولات ئىرادەلىك، جەسۇر؛ ۋىجدانلىق؛ (2) قىزغىنىشلىق ، ھەسەت
- غەيۇرانە — جەسۇرانە، باتۇرلارچە؛
- غوپۇر(غەپۇر)؛ — ئەپۇ ۋە مەرھەمەت قىلماق؛ ئەپۇ ۋە مەرھەمەت قىلغۇچى؛
- غوتە — سۇغا شۇڭغۇش ، سۇغا چۆكۈش؛ [غوتە تاپماق، غوتە ئۇرماق --- سۇغا چۆكۈپ چىقماق،سۇغا شۇڭغۇماق]؛
- غوجىدار — غوجىدار-- «غۇجا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەسلىدە "خۋاجە" بۇلۇپ، ئۇستاز، بەگ، مەخدۇم دىگەن مەنادىكى سۆز. "دار" تۇتقۇچى دىگەن مەنا
- غور — قاتتىق ھۇجۇم ۋە بۇلاڭ - تالاڭغا ئۇچرىغان بىر شەھەر نامى؛ [غارەتى غور سالماق --- غورغا قىلىنغان ھۇجۇمدەك ھۇجۇم قىلماق]؛
- غول — سەپ تۈزگەن قوشۇننىڭ مەركىزىي قىسمى؛ مەركىزىي قىسىم؛
- غول پىياز — كۆكتات تۈرى؛
- غۇبار — چاڭ - توزان ؛ دۇت ، تۈتەك ، غەشلىك؛ [خاتىردە غۇبار ئاسراماق --- كۆڭلىدە غەشلىك ساقىلماق]؛
- غۇبار ئەنگىز — چاڭ قوزغاتقۇچى ، توپا توزۇتقۇچى؛ توپىلاڭ كۆتۈرگۈچى ، پىتنە تېرىغۇچى
- غۇبر — ؛«غەبرا»نىڭ كۆپلۈكى : يەر يۈزلىرى ، يەرلەر؛