لۇغەتنى كۆرۈش: غ
- غەمەزات — ؛«غەمزە»نىڭ كۆپلۈكى : غەمزىلەر؛
- غەمپەرۋەرد — غەم ئىچىدە ئۆسكەن؛
- غەمخار،غەمخارە — غەم يېگۈچى . غەمكىن ؛ غەمخور ، مېھرىبان ، ھېسداشلىق قىلغۇچى؛
- غەمرى — زىيان؛
- غەمزە — ناز ، نازلىق قاراش ، كۆز ئىشارىتى ، قاش - كۆز ئوينىتىش؛
- غەمزەدە — غەمكىن ، قايغۇلۇق؛
- غەمزۇدا — غەمنى كەتكۈزگۈچى ، تەسەللى بەرگۈچى ، بەزلىگۈچى؛
- غەمكەش — غەمگە گىرىپتار بولغان ، ئەلەم چەككەن ، قايغۇغا چۆمگەن؛
- غەمگۇزا(غەمگۇسار) ؛ — كۆيۈنگۈچى؛غەم يۈكىنى بىللە كۆتەرگۈچى؛غەم-ئەندىشىنى يوق قىلغۇچى؛ غەمخور؛ غەم يىگۈچى؛
- غەمگۇسار — غەمخور ، مېھرىبان ، قايغۇنى كەتگۈزگۈچى ، تەسەللى بەرگۈچى؛
- غەمگىن — غەمكىن ، خاپا؛
- غەمماز — چېقىمچى ؛ سىرنى ئاشكارىلىغۇچى ، تۆھمەتخور؛
- غەمناك — غەمكىن، قايغۇلۇق، غەم چەككەن؛
- غەنا — بايلىق ، دۆلەتمەنلىك ، توققۇزى تەللىك ، ھاجەتسىزلىك؛
- غەنائىم،غەنايىم — ؛«غەنىيمەت»نىڭ كۆپلۈكى : جەڭدە ئولجىغا چۈشكەن نەرسەلەر ، غەنىيمەتلەر؛ كۆچمە مەناسى: پايدا؛
- غەنەم — قوي پادىسى ، قوي؛
- غەنج — خۇشال بولۇش ؛ ناز قىلىش؛ [غەنجۇ دەلال --- ناز ۋە كەرەشمە]؛
- غەنچى — ئىت ئارغامچىسىغا باغلىنىدىغان ياغاچ؛
- غەنى — ئارتۇقچە تەلەپ قىلمايدىغان؛ مۇھتاج بولمىغان؛ باي؛ بەدەۋلەت؛
- غەنىم — دۈشمەن ، قارشى تەرەپ ، رەقىب؛
- غەنىمەت — ئۇرۇشتا دۈشمەندىن ئېلىنغان ئولجا ، بىرەر سەۋەب بىلەن قولغا كىرگەن ، لېكىن قايتا كىرىش ئېھتىمالىدىن يىراق بولغان نەرسە يا
- غەنىي — باي ، بەدۆلەت ؛ ئېھتىياجسىز ، ھېچ نەرسەدىن غېمى يوق ، ھەممە نەرسەسى تەل؛
- غەۋر — بىرەر نەرسەنىڭ تېگى ، تەكتى ، ئاساسى؛ كۆچمە مەناسى: ھەقىقەت ، ماھىيەت؛چوڭقۇر ئويلاش ، مۇھاكىمە قىلىش؛ [غەۋرىغە يەتمەك --
- غەۋس — ؛(1) ياردەم ، مەدەت ، ياردەم قىلىش ، ياردەم قىلغۇچى ، پاناھلىق جاي؛ (2) سۇ ئاستىغا شۇڭغۇش، چۆمۈش؛ [غەۋس ئەتمەك، غەۋس قىل