لۇغەتنى كۆرۈش: غ
- غەشيە — كۆڭلى كېتىش ، ھوشىنى يوقاتىش ، ھوشسىزلىنىپ يىقىلىش؛
- غەففار — گۇناھلارنى كەچۈرگۈچى ، گۇناھلاردىن ئۆتكۈچى ، مەغپىرەت قىلغۇچى؛
- غەففارلىغ — مەغپىرەت قىلغۇچىلىق ، كەچۈرگىچىلىك؛
- غەفلەت — بىپەرۋالىق ، بىخەستەلىك؛ [غەفلەت ئايىن --- غەپلەتتە قالغان ،خەۋەرسىز]؛
- غەفۇر — كەچۈرۈم قىلغۇچى ، گۇناھىدىن ئۆتكۈچى ، رەھىمدىل؛
- غەل ل — دۈشمەنلىك ، ئاداۋەت ، رەشك؛ [بىغەلۇغەش --- ساپ،سەمىمىي ، كىرسىز]؛
- غەلە — پۇل ساندۇغى؛
- غەلەبات — غەلىبە ، ئۈستۈنلۈك ، ئۇتۇپ چىقىش؛
- غەلەبە — ؛(1) زەپەر ، غەلىبە ، يېڭىش؛ (2) كۆپ ، نۇرغۇن ، كۆپلىگەن ، بىرمۇنچە؛ [غەلەبە ئەلچىلەر باردىلەر ۋە كەلدىلەر --- كۆپلىگەن
- غەلەت — خاتا ، يېڭىلىش ، سەۋەنلىك ؛ ئېلىشتۇرۇش ؛ غەلىتە ، يوچۇن ، ئۆڭگە؛ [غەلەتغە سالماق --- يېڭىلىشتۈرمەك ، ئېلىشتۇرماق]؛
- غەلەيان — قايناش ؛ پورۇقلاپ قايناش ؛ ۋاراڭ - چۇرۇڭ، غەۋغا ، ھاياجان،كۆتىرىلىش؛
- غەلبىرلەش — Screening(ئىسىم)--(1) تىببىياتتا كېسەللىكنى باشلىنىش دەۋرىدىلا بايقاش ئۈچۈن ئاھالەنى ياكى بەلگىلىك گۇرۇپپانى سىستېمىلىق
- غەلتان — يۇمىلايدىغان ، دومىلايدىغان ؛ يۇمىلاق كۇمۇلەك؛
- غەللات — ؛«غەللە»نىڭ كۆپلۈكى : ئاشلىقلار ، تېرىلغۇلار كىرىملەر ،مەھسۇلاتلار ، نەتىجەلەر؛
- غەللە — ئاشلىق ، زىرائەت ؛ كىرىم ، مەھسۇلات ، نەتىجە؛
- غەلىبە، نۇسرەت — Victory(ئىسىم)-- جەڭ، مۇسابىقە، كۈرەش ياكى رىقابەتتە يېڭىش، غەلىبە قىلىش، ئۇتۇش نەتىجەسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ دۈشمەن ياكى رەق
- غەلىتە — Weird(سۈپەت/ئىسىم)--سۈپەت شەكلىدە ئادەتتىكىدەك بولمىغان، ئەجىب، غەلىتە، غەيرىئاددىي، چۈشىنىشكە قىيىن؛ تەبىئەتتىن تاشقىرى
- غەلىز — قويۇق ؛ قېلىن ؛ قوپال ؛ تېتىقسىز؛
- غەم — قايغۇ؛ ئەندىشە؛ ئەنسىرەش؛
- غەم ئالۇد — غەمگە پاتقان ، قايغۇغا چۆمگەن؛
- غەم ئەندۇز — غەمكىن ، خاپا؛
- غەم ئەنگىز — غەمگە سالغۇچى ، قايغۇغا سالغۇچى؛
- غەم سېيلى — غەمنىڭ كەلكۈن سۇيى (كۆچمە مەنا)؛
- غەم فەرسۇد — غەمدە ئېزىلگەن ، غەمدە يانچىلغان؛