لۇغەتنى كۆرۈش: غ
- غەرىبانە — غېرىبلارچە ، غېرىبلىق بىلەن؛
- غەرىبخانە/غەرىبىستان — مۇساپىرخانا ، غېرىبلار ئۆيى ، يېتىمچىلار ماكانى؛ كۆچمە مەناسى: دۇنيا؛
- غەرىزە — تەبىئەت ، خۇلق ، خاراكتېر ، سېزىم ، تۇيغۇ؛
- غەرىزە/تۇغما قابىلىيەت — Instinct(ئىسىم)--ھايۋان ۋە ئىنسانلاردا تۇغما بولغان، ئۆگىنىشكە ئېھتىياجسىز، ئاپتوماتىك ھەرىكەت قىلىش قابىلىيەتى، تەبىئىي
- غەرىزىي — تەبىئىي ، تۇغما؛ [غەرىزىي ھارارەت --- تەبىئىي ھارارەت]؛
- غەرىق — چۆكۈپ كەتكەن ، غەرق بولغان ، چۆمگەن؛
- غەرىن — ئورمان ، توقاي؛ [شىرى غەرىن --- ئورمان شىرى]؛
- غەزا،غەزات — دىنىي ئۇرۇش ، دىن يولىدا قىلىنغان جەڭ ؛
- غەزال — كېيىك؛ كۆچمە مەناسى: ئاھۇ؛
- غەزالە — چىشى كېيىك؛
- غەزالى مۇشكىن — ئىپار كېيىكى ، ئىپار ھىدلىق كېيىك ، تىبەت كېيىكى؛
- غەزەبناك — غەزەپلىك ، غەزەپلەنگەن ، قاتتىق غەزەپكە كەلگەن؛
- غەزەل — ئىشىق - مۇھەببەت مەزمۇنىدىكى لېرىك شېئىر؛
- غەزەلىييات — ؛«غەزەل»نىڭ كۆپلۈكى : غەزەللەر؛
- غەزەنفەر — شىر ، ئارسلان؛
- غەزل — ئىگىرىش ، ئىگىرىلگەن يىپ؛
- غەزۋ — ق . غازات؛
- غەسسال — يۇغۇچى ؛ ئۆلۈك يۇغۇچى؛
- غەسسالە — ئۆلۈك(مۇردا) يۇغۇچى ئايال؛
- غەسل — يۇيۇش ، سۇ بىلەن چايقاش؛
- غەش — ھوشىدىن كېتىش . خۇدىنى يوقاتىش؛
- غەشش — بۇلغىنىش ؛ ئارىلاشما ، ساپ ئەمەس ؛ ئالداش ، ھىيلە ، خىيانەت؛ [بىغەشش --- ساپ ،غۇبارسىز ، تىنىق ؛ خالىس]؛ [بىغەلۇغەشش ---
- غەشش — ئالدام؛
- غەششلىق — بۇلغىنىشلىق ، ساپسىزلىق ، ئارىلاشمىلىق؛