لۇغەتنى كۆرۈش: ش
- شەپشەك(شەپشۇك)؛ — جىم تۇرمايدىغان؛ ھەممەگە چېپىلىپ يۈرگۈچى؛چاپتىكەش؛
- شەپقەت — رەھىم؛ ئىچ ئاغرىتماق؛
- شەپكە — باش كىيىم؛ بۆك، دوپپا،پوسما،
- شەپىق — مىېھرىۋانلىق قىلغۇچى؛
- شەتارەت — شوخلۇق ، خۇش چاقچاقلىق ؛ چاققانلىق ، زېرەكلىك؛
- شەتەل — چوتا (قىماردا)؛
- شەتەلخار — چوتا ئالغۇچى ، چوتاچى (قىماردا)؛
- شەتت — قىرغاق ، ساھىل ، دەريانىڭ قىرغىقى ؛ دەريا؛
- شەجەر — دەرەخ ؛
- شەخ — قاتتىق ، قېتىپ قالغان ، چىڭ ، مەھكەم؛
- شەخس — شەخس ، ئادەم؛
- شەخس ئابىي — سۇ ئادىمى ، ئادمىسىمان سۇ ھايۋىنى ؛
- شەخسىي تازىلىق
- شەخسىيەتچى — ئۆز مەقسەتىنىلا كۆزلىگۈچى، شەخسىيەتچى، ئۆزۈمچى؛
- شەخسىيەتى — Privacy(ئىسىم)--بىرسىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى، مەلۇماتلىرى، ھەرىكەتلىرى ۋە ئويلارىنىڭ باشقىلار تەرەپىدىن كۆرۈلمەسلىك، بىلىنمەس
- شەدائىد — ؛«شەدىدە»نىڭ كۆپلۈكى : بالايىئاپەتلەر ، كېلىشمەسلىكلەر ،بەختسىزلىكلەر؛
- شەدد — كۈچەيتىش ، چىڭىتىش ؛ چالغۇ ئەسۋابىنى ساز قىلىش ، چالغۇ ئاۋازىنى يۇقارى قىلىش؛
- شەدداد — قەدىمىي يەمەندىكى بىر قەبىلەنىڭ پادىشاھى ؛ شىددەت قىلغۇچى ،قاتتىق قول ، زالىم؛
- شەددە — تەكرار ئوقۇلىدىغان تاۋۇش ، قاتلىنىدىغان تاۋۇش؛ تۇغ بايراق ، بەلگە؛ مەرۋايىت ، مارجان قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلگەن باغلاردىن ب
- شەددى رۇھ — مۇزىكا مۇقاملىرىنىڭ بىرى؛
- شەدىد — شىددەتلىك ، قاتتىق ، ئېغىر ؛ ئۆتكۈر ؛ قىيىن؛ [شەدىد ئولماق --- ئېغىرلاشماق ؛ قاتتىق بولماق]؛
- شەدىدە — بەختسىزلىك ، بالا ، ئاپەت؛
- شەر/شەرر — يامانلىق ، دۈشمەنلىك ، قەبىھلىك ، ئەسكىلىك ، گۇناھ ؛ [شورۇ شەرر، شەررۇشور --- پىتنە-پاسات، ئەنسىزلىك ، مالىمانچىلىق]؛
- شەرئ — دىنىي قانۇن ، شەرىئەت؛