لۇغەتنى كۆرۈش: ش
- شەب ئەندۇد — كېچىنى قاپلايدىغان ، كېچىنى قارا قىلىدىغان ، كېچىنى بويايدىغان؛ [شەب ئەندۇد نىقاب --- تۈن پەردەسى؛ كۆچمە مەناسى: قاراڭغۇ
- شەب روز — كېچە - كۈندۈز ، كۈنۈ - تۈن؛
- شەب زىندە دارليغ — كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈش ، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇرۇش ، تۈنەش؛
- شەب زىندەدار — كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزگۈچى ، تۈنىگۈچى؛
- شەباب — ياشلىق ، يىگىتلىك؛ [شەباب ئەييامى ، ئەييامى شەباب، ئەھدى شەباب --- ياشلىق دەۋرى]؛
- شەبابىي — ياشلىققا دائىر؛
- شەبانە — كېچىلىك ، تۈنلۈك ، كەچقۇرۇن؛ [جامى شەبانە ئىچمەك --- كېچەسى مەي ئىچمەك]؛ [مەخمۇرى شەبانە --- تۈندىكى مەسلىك]؛
- شەبە — قارا قاش تېشى ، قارا مەرمەر ، قارا رەڭ؛
- شەبتاب — كېچەسى پارقىرايدىغان ، پارقىراق؛ [كىرمى شەبتاب --- پارقىراق قۇرۇت ، كېچەسى پارقىرايدىغان قۇرۇت]؛
- شەبچەراغ — كېچەسى چىراغقا ئوغىشاش نۇر چاچقۇچى؛ [گەۋھەرى شەبچەراغ --- كېچەسى چىراغدەك نۇر چاچىدىغان گۆھەر]؛
- شەبخىز — تۈننى ئويغاق ئۆتكۈزگۈچى ، تۈندە ئۇخلىمايدىغان؛
- شەبدىز — قارا ئات ، قارا تورۇق ئات؛
- شەبرەنگ — قاپقارا ، تۇم قارا ؛ قارا تورۇق ئات؛ [شەبرەنگ سەكرەتمەك --- ئات چاپتۇرماق]؛
- شەبرەۋ — تۈن كېزەر ، كېچەسى يول يۈرگۈچى؛ كۆچمە مەناسى: ئوغرى ، تۈن قاراقچىسى؛
- شەبرەۋلۇغ — تۈن كېزەرلىك ، كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈش؛ كۆچمە مەناسى: ئوغرىلىق؛ [شەبرەۋلۇغ ئەيلەمەك --- كېچىدە يول كەزمەك]؛
- شەبگەرد — كېچىدە ئايلانغۇچى ، تۈن قاراۋۇلى ؛ ئاي ؛
- شەبگۇن — قاپقارا؛
- شەبگىر — تۈن بويى ئۇخلىمايدىغان ، كېچەسى مېڭىپ يۈرگۈچى؛ [ شەبگىر قىلماق --- تۈن بويى ئۇيقۇسىز بولماق ؛ كېچەسى ھۇجۇم قىلماق ، تۈند
- شەبنەم — كۈز كۈنلىرى كېچىدە ئوچۇق جايلاردىكى نەرسەلەرگە ئاسماندىن چۈشىدىغان نەم، ھۆللۈك؛
- شەبى قەدر — قەدىرلىك كېچە ، شىۋىقەدىر كېچەسى ، رامىزاننىڭ 27 - كېچەسى بولۇپ ، بۇ كېچىدە تىلەك ئىجابەت بولىدۇ ، دېيىلىدۇ؛
- شەبىخۇن/شەبخۇن — كېچىلىك يۈرۈش ، كېچەسى تۇيۇقسىز قىلىنغان ھۇجۇم ، كېچىلىك ھۇجۇم؛ [شەبىخۇن ئەيلەمەك، شەبىخۇن ئۇرماق --- تۈندە تۇيۇقسىز ھۇج
- شەبىستان — كېچىلىك ياتاقخانا ؛ ئىچكى ھەرەم ؛ قاپقاراڭغۇ كېچە ، قاراڭغۇلۇق؛
- شەبىھ — ئوخشاش ، بىر خىل ، مەناداش؛
- شەپائەت — سوراپ ئالماق؛ تىلەپ ئالماق؛ قوللاش؛