لۇغەتنى كۆرۈش: ش
- شاھۋار ، شەھۋار — شاھانە ، پادىشاھلارغا يارىشىدىغان يىرىك ، نادىر ،ئەڭ ئەلا؛ [دۇررى شاھۋار، شەھۋار --- يىرىك دۇر ، ئالىي سورتلۇق مەرۋايىت]
- شاھى ئەنجۇم — يۇلتۇزلار شاھى ، قۇياش؛
- شاھى خوتەن — كۆچمە مەناسى: قۇياش؛
- شاھىت — گۇۋاچى(گۇۋاھچى)؛ كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى قەسەم بىلەن سۆزلەگۈچى؛ گۇۋا.
- شاھىد — ؛(1) كۆرگۈچى ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئادەم ، گۇۋاھچى؛ گۇۋاھ ،دەلىل - ئىسپات؛ (2) گۈزەل، مەھبۇب، مەشۇق؛
- شاھىن — ئوۋ قۇشى ، قارىچۇغا؛
- شاھىنشا — پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى؛
- شاۋورۇن — ئۆچكە تېرەسىدىن ئىشلەنگەن، ئاياق كىيمىگە ئەستەر قىلىنىدىغان يۇمشاق ماتىرىيال.
- شايان — لايىق ، مۇناسىپ ، سازاۋەر ، مۇۋاپىق ، يارىشىدىغان ، ئەرزىيدىغان؛
- شايە — مۇبادا؛
- شايەد — ئېھتىمال ، مۇمكىن ، بەلكى ، ھەر ھالدا؛
- شايەدكى — بەلكىم؛ ئېھتىمال
- شايىئ/ شائىئ — يېيىلغان ، تارقالغان ، ئومۇملاشقان ، ئاممىۋى ؛ مەشھۇر ، ئاشكارا؛ [شايىئ بولماق ---تارقالماق ، يېيىلماق]؛ [شايىئ تەكەللۇم
- شايىئە — كوچا خەۋەرلىرى ، سۆز - چۆچەك ، پىتنە - ئىغۋا؛
- شايىست/شايىستە — مۇۋاپىق ، جايىدا ، مۇناسىپ ، لايىق ، ئەرزىيدىغان ؛ ئىقتىدارلىق ،قابىلىيەتلىك ، ئىشەنچلىك؛
- شايىستەراق — ئەڭ مۇۋاپىق ، ئەڭ مۇناسىپ؛
- شايىستەلىغ — لايىقلىق ، مۇناسىپلىق ، مۇۋاپىقلىق؛
- شەئەف — شەيدا قىلماق؛
- شەئبان — ھىجرىيە يىل كالېندارى بويىچە سەككىزىنچى ئاي؛
- شەئشەئ — نۇر چېچىش؛ نۇر چېچىپ تۇرغان؛
- شەئشەئە — نۇر چېچىش ، پارلاش ، پارقىراش ، شولا ، نۇر ، يورۇقلۇق ،ئاپتاپ؛
- شەئمەت — شۇملۇق ، يامانلىق ، نەسلىك؛
- شەب — كېچە ، تۈن؛ [شەب بەياد --- كېچىدە يادلاش]؛
- شەب ئەفرۇز — كېچىنى يورتقۇچى ، ئاي؛