لۇغەتنى كۆرۈش: ش
- شەرئەن — دىنىي قانۇن يۈزىسىدىن ، شەرىئەت بويىچە؛
- شەرئىي — ؛(1) شەرىئەتكە تېگىشلىك ، دىنىي قانۇنغا مەنسۇپ؛ (2) مۇساپە ئۆلچەمى. ئۈچ كىلومېتىردىن كۆپرەك كېلىدۇ، دېيىلىدۇ؛
- شەرئىييات — شەرىئەتكە تېگىشلىك ئىشلار ، دىنىي قائىدىلەر؛
- شەراب — ئىچىملىك ، مەي؛ [شەراب ناب --- تازا مەي ، تىنىق مەي]؛ [شەراب ئالۇد --- مەي يۇققان، مەي ئارىلاش]؛
- شەرابخانە — ئىچىملىك سېتىلىدىغان جاي؛ مەيخانا ، قاۋاقخانا؛
- شەرابدار — ساقىي ، شاراب ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى؛
- شەرار/شەرارە — ئۇچقۇن ، ئەلەنگە ، يالقۇن ؛ تاۋلىنىش؛
- شەرارەت — ؛(1) ق . شەرار؛ (2) يامانلىق ، قەبىھلىك؛
- شەرارەلىغ — ئۇچقۇنلۇق ، ئەلەنگىلىك؛
- شەرارى ھەلاك — ھالاكەت ئەلەنگىسى ، ھالاك قىلغۇچى ، يالقۇن؛
- شەرافەت — شاراپەت ، ئىززەت ، قەدىر - قىممەت ، ھۆرمەت ، ئابروي؛
- شەرايىئ — ؛«شەرىئەت»نىڭ كۆپلۈكى: دىنىي قانۇنلار ، شەرىئەت قائىدىلىرى؛
- شەرە — ئاچ كۆز ، نەپسى يامان ، تەمەخور؛
- شەرەپ — يۈكسەك مەرتىۋە؛ئۇلۇغلۇق؛
- شەرەر — ئۇچقۇن ، ئەلەنگە ، يالقۇن؛ [شەرەر ساچماق --- ئۇچقۇن چاچماق]؛ [شەرەر تارتماق ---يالقۇنجىماق]؛
- شەرەف — قەدىر - قىممەت ، پەخر ، ھۆرمەت ، ئىززەت ، ئابرۇي؛
- شەرەفياب — شەرەپ تاپقۇچى ، قەدىرلىك ، ئېتىبارلىق؛
- شەرەقبەخش — شەرەپ ئاتا قىلغۇچى ، شەرەپلەندۈرگۈچى؛
- شەربەت — قۇرۇق مېۋە ياكى شېكەردىن قاينىتىلغان ئۇسسۇلۇق ، شەربەت ، كېسەلگە بېرىلىدىغان سۇيۇق دورا؛ [ئاچىغ شەربەت --- مەي ، شاراب]؛
- شەربەتخانە — شەربەت ياكى سۇيۇق دورا ساقلىنىدىغان جاي؛
- شەربەتى ئابى — بىيە شەربەتى؛
- شەربەتى شىفا — شىپالىق شەربەت؛
- شەربەتى ناب — تىنىق شەربەت؛
- شەربەتىي — شەربەت ئىچىدىغان قاچا؛ قەدەھ ؛ بىر خىل رەخت نامى ؛ ئىنچىكە تانا؛