لۇغەتنى كۆرۈش: ش
- شىرما — بەردە؛ چىمىلدىق؛ نىقاپ؛
- شىرى زەيان — يىرتقۇچ شىر ، قەھىرلىك شىر؛
- شىرى غاب،شىرى غەرىن — ئورمان شىرى؛
- شىرى گەردۇن — ئاسمان شىرى (ئەسەد بۇرجى) ؛
- شىرى نەر — ئەركەك شىر؛
- شىرىس — يۇڭ؛ يۇڭدىن توقۇلغان رەخت.
- شىرىك — كۆپ خۇدالىق ، كۆپ خۇدالىق دىن ؛
- شىرىن گۇفتار،شىرىن مەقال — ق . شېرىن كەلام؛
- شىرىنكا — بېدىكلەرنىڭ ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچىنى باھادا كېلىشتۈرۈپ قويۇپ ئالىدىغان ھەققى؛(سەپ،قاتار دىگەن مەنىلرىمۇ بار)؛
- شىرىنكار — خۇش مۇئامىلە ، شېرىن سۆزلۈك ، قىزىقچى؛
- شىرىنكام — خۇشۋاق ، ۋاقتى چاغ ، خۇرسەن؛
- شىرىنكەلام — شېرىن سۆز ، يېقىملىق گەپ قىلىدىغان؛
- شىستىرنە — چىشلىق چاق؛
- شىش — زىخ؛
- شىشە — ئىششىق يارا ، يامان يارا؛
- شىشە — شىشە، ئەينەك قاچا؛
- شىشە پۇشى — غەۋۋاس ، دېڭىزغا چۆكۈپ مەرۋايىت ئالغۇچى؛
- شىشە ھەلەبىي — ھەلەپ شەھەرىنىڭ شىشىسى؛ سۈپەتلىك سېرىق شىشە؛
- شىشەئى گەردۇن — ؛(كۆچمە مەناسى) ئاسمان؛
- شىشلەمەك — زىخلىماق ، زىخقا ئۆتكۈزمەك ، سانچىماق؛
- شىغاۋۇل، شىقاۋۇل — مۇراسىم بېگى؛
- شىفت — Shift(پېئىل/ئىسىم)-- پېئىل شەكلىدە بىر نەرسەنىڭ ئورنىنى، ھالەتىنى ياكى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش، يۆتكەش، سۈرۈش؛ كۆچۈش؛ ئىسىم
- شىفتە — مۇپتىلا بولغان ، مەپتۇن بولغان ، بېرىلگەن ، ئاشىق؛ [شىفتە ئەيلەمەك، شىفتە قىلماق ---مەپتۇن قىلماق، ئۆزىگە تارتماق ، گىرى
- شىفىر — ؛(1) مەخپى يېزىقنىڭ شەرتلىك بەلگەلىرى؛ مەخپى خەت يېزىش ئۈچۈن ئىشىلىتىلىدىغان مەلۇم بىر سېستىما ئاساسىدا رەقەملەر ياكى ھە