لۇغەتنى كۆرۈش: ش
- شىتۇرمان — دېڭىز ، ھاۋا قاتنىشىدا يولباشلىغۇچى ياكى يول كۆرسىتىپ بەرگۈچى؛
- شىتىراپ — جېرىمانە(جەرىمەنە)؛ پۇل جازاسى؛
- شىتىك — نەيزە؛ مىلتىق ئۇچىغا ئورنىتىلىدىغان نەيزە(خەنجەر)؛
- شىجائەت — باتۇرلۇت؛ جاسارەت.
- شىد — يورۇقلۇق ، نۇر ، قۇياش؛
- شىدام — تەپتەكشى؛
- شىددەت — قاتتىق سوققا ، ئېغىر زەربە ؛ قاتتىقلىق ، كەسكىنلىك ، ئېغىرلىق ،قىيىنچىلىق؛ [شىددەت قىلماق --- قاتتىق زەربە بەرمەك ؛ قاتت
- شىر — ؛(1) سۈت؛ (2) شىر ، ئارسلان ،يايلاقتا ياشايدىغان چوڭ يىرتقۇچ ھايۋان؛ھايۋانات تۈرى؛ (3) كونا ئاسمانشۇناسلىق چۈشەنچەسى بوي
- شىر ئەفكەن — شىرنى باسقۇچى ، شىرنى يىقىتقۇچى، پالۋان؛
- شىر پەيكەر — شىر گەۋدە ، شىردەك ھەيۋەتلىك؛
- شىر زور — شىردەك كۈچلۈك؛
- شىر شۇكۇھ — شىردەك ھەيۋەتلىك؛
- شىر شىكار — شىر ئوۋلىغۇچى؛ كۆچمە مەناسى: پالۋان ، باتۇر؛
- شىراز — كىتاب تۈپلەش (مۇقاۋىلاش)؛
- شىرازە — كىتابنىڭ مۇقاۋىغا يېپىشقان ئىككى ئۇچىدىكى بىزەكلىك تىكىش؛
- شىراك — كەش بېغى ، كەشنى ئاياققا باغلاپ قويىدىغان تاسما؛
- شىرالغا — دەسلەپ قىلىنغان ئوۋ؛
- شىرە — ؛(1) شىرە ، شەربەت ، يېڭى تەييار بولغان مەي؛ (2)مەي قاچىلىرىنى قويىدىغان تاختا؛ شىرە، تاماق ئۈستىلى؛
- شىرەم — يىراق؛ ئۇزاق؛مۇناسىۋەت ئانچە يېقىن بولمىغان (تۇققان)؛
- شىرداغ — ئىسسىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىيىلىدىغان سىرتقى كىيىم؛
- شىرشىكارلىغ — شىر ئوۋلاش؛
- شىركەت — شېرىكلىك ، ئورتاقلىق ، بىرەر ئىشتا بىرلىشىپ ئىشلەش، قاتنىشىش، ئىشتىراك؛
- شىركەت/كومپانىيە — Company(ئىسىم)--پۇل تېپىش ياكى مۇئەييەن خىزمەت كۆرسىتىش مەقسەتىدە قۇرۇلغان سودا تەشكىلاتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز يەنە "ھەمر
- شىرگىر — شىر ئوۋلىغۇچى ، جاسارەتلىك ، قورقماس؛