لۇغەتنى كۆرۈش: ش
- شىفىرلاش — Encryption(ئىسىم)-- مەلۇمات، ئۇچۇر ياكى ھۆججەتنى ئوقۇغىلى بولمايدىغان، چۈشىنىشكە مۈشكۈل بولغان شىفىرلىق شەكىلگە ئايلاندۇ
- شىق،شىقق — ؛(1) قىسىم ، بۆلەك ؛ ئۇسۇل ، چارە ، يول ؛ ئېھتىماللىق؛ (2)جنس ئايرىمىسى؛
- شىقدار — ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى ، ۋالىي؛
- شىكار — ئوۋ؛ [شىكار قىلماق --- ئوۋ ئوۋلىماق ، ئوۋ قىلماق]؛
- شىكار ئەفگەن — ئوۋ قىلغۇچى؛
- شىكارىي — ئوۋچى ، ئوۋلىغۇچى؛ كۆچمە مەناسى: ئوۋ قۇشى؛ [سەگى شىكارىي --- ئوۋ ئىتى]؛
- شىكاف — يېرىق، دەز ، چاك ، تۆشۈك؛ [شىكاف ئەيلەمەك، شىكاف ئەتمەك --- يارماق ، تەشمەك]؛ [شىكاف بولماق --- يېرىلماق ، تېشىلمەك]؛
- شىكال — ئات ۋە تۆگىگە ئوخشاش ھايۋانلارنىڭ پۇتىغا سالىدىغان چېتىق؛ [شىكال ئەيلەمەك، شىكال سالماق --- چېتىق چاتماق ، چۈشەپ قويماق]
- شىكالا — ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنىڭ ئۆلچەملىك سىزىقى؛
- شىكايەت — ئەرز ، ئەرز قىلىش ، دەرد تۆكۈش؛
- شىكەست — مەغلۇبىيەت ، ئوڭۇشسىزلىق ، زىيان ؛ سۇنۇش؛ [شىكەست بەرمەك --- زەربە بەرمەك، مەغلۇپ قىلماق]؛
- شىكەستە — مەغلۇپ ، مەجرۇھ ، سۇنۇق ؛ كۆڭلى قاتتىق ئازار يېگەن؛ [شىكەستە بەستە --- كەم-كۈتىسىز]؛ [پاشىكەستە --- ئايىقى سۇنۇق ، چولاق
- شىكەستە مەقال — دۇدۇقلاش ، سۆزلەيەلمەسلىك؛
- شىكەستەخاتىر — كۆڭلى سۇنۇق ، كۆڭلى يېرىم؛
- شىكەستەلىك — سۇنۇقلۇق، ۋەيرانلىق؛ قىينىلىش؛
- شىكەم — قورساق ، قېرىن؛
- شىكەن — قاتلاقلىق ، پۈكۈكلۈك ، پۈرۈكلۈك ؛ سۇنغان ؛ سۆز بىرىكمەسىدە«سۇندۇرغۇچى» مەناسىدە كېلىدۇ؛ [بۇتشىكەن --- بۇت سۇندۇرغۇچى]؛
- شىكەنج — پۈكۈلۈش ، پۈرۈلۈش ، قاتلىنىش ؛ قىيناق ، ئازاب؛
- شىكەنجە — قىيناق ، ئازاب؛ [شىكەنجە كۆرمەك --- ئازاب تارتماق ،قاماققا چۈشۈپ قىينالماق]؛
- شىكەنجەبىن — ئىسكەنجىۋىل؛
- شىكۋە — شىكايەت؛ زارلىنىش؛ نارازىلىق؛ غىۋەت؛بىلدۈرۈش؛
- شىكىب — سەۋر، . چىدام ، تاقەت؛ [ئۆز - ئۆزىگە شىكىب بەرمەك --- ئۆز - ئۆزىگە چىدام بەرمەك]؛ [بىشىكىب --- سەۋرسىز ، تاقەتسىز]؛ [ناش
- شىكىبا — سەۋرلىك ، چىداملىق ، تاقەتلىك؛
- شىكىبالىغ — سەۋرچانلىق ، تاقەتچانلىق؛