لۇغەتنى كۆرۈش: ش
- شۇرۇر — ؛«شەرر»نىڭ كۆپلۈكى: ناچارلىقلار ، يامانلىقلار ، ئەسكىلىكلەر، ياۋۇزلۇقلار ، قەبىھلىكلەر ،گۇناھلار ، جىنايەتلەر؛
- شۇرۇھ — ؛«شەرھ»نىڭ كۆپلۈكى : شەرھلەر ، ئىزاھلار؛
- شۇرىش — قوزغىلاڭ ، توپىلاڭ؛ ھاياجان ، تىنچسىزلىق؛ چايقىلىش؛
- شۇست — يۇيۇش؛
- شۇستمان — سۇۋاش ؛ قاپلاش؛ [شۇستمان قىلماق --- سۇۋىماق ،سۈركىمەك؛ قاپلىماق]؛
- شۇستۇشۇ — يۇيۇنۇش ، يۇيۇپ تازىلاش؛ [شۇستۇشۇ بەرمەك --- يۇيۇپ تازىلىماق]؛
- شۇشە — چوكا ، زىخچا ، مۇز چوكىسى ؛ قۇتا؛ [شۇشە مۇز --- چوكا مۇز]؛ [شۇشە ئالتۇن --- زىخ ئالتۇن ، چوكا ئالتۇن]؛
- شۇغل — كىرىشىش ، شۇغۇللىنىش؛ ئىش؛ [شۇغلغا سالماق --- مەشغۇل قىلماق ، ئىشقا سالماق]؛
- شۇققە — بايراقنىڭ بېشىغا باغلىنىدىغان پارچە لاتا ، قەغەز پارچەسى؛
- شۇققەئى شىنگەرف — قىزىل پارچە؛ كۆچمە مەناسى: شېخىدىن ئۈزۈلمىگەن قىزىل گۈل؛
- شۇققەئى لەئل — ياقۇت پارچەسى؛ كۆچمە مەناسى: يارنىڭ لېۋى؛
- شۇكۇفە — گۈل ، چېچەك ، غۇنچە ؛ پورەك؛
- شۇكۇفت/شۇكۇفتە — ئېچىلغان؛ [ناشۇكۇفت --- ئېچىلمىغان]؛
- شۇكۇھ — شەۋكەت ، ھەيۋەت ، سۆلەت ؛ كۆركەملىك ، ئۇلۇغۋارلىق؛
- شۇكۇھلىق — سۆلەتلىك ، ھەيۋەتلىك؛
- شۇمار/شۇمارە — ساناق ، ھېساب ، ھېسابلاش ، ساناش؛ [بىشۇمار --- ھېسابسىز]؛ [شۇمار ئەيلەمەك، شۇمار قىلماق --- سانىماق ، ھېسابلىماق]؛ [شۇما
- شۇمۇل — ئورۇۋېلىش ، ئۆز ئىچىگە ئېلىش ، ئورنىشىش ، جايلىشىش؛ [شۇمۇل ئەتمەك --- ئورىۋالماق؛ ئورناشماق ، جايلاشماق]؛
- شۇنقار — شۇڭقار؛ [شۇنقار بولماق --- (كۆچمە مەناسى) ۋاپات بولماق ، ئۆلمەك؛
- شۇنۇد/شۇنىد — ئىشتىش ، ئاڭلاش؛ [گۇفتۇ شۇنۇد --- گەپ - سۆز ، سۆزلەشىش، پاراڭلىشىش؛
- شۇنۇفت — ئاڭلاش؛ [گۇفتۇ شۇنۇفت --- گەپ - سۆز ، سۆھبەت]؛
- شۇنىڭ ئارقالىق/بۇ ئارقالىق — Whereby(ئالماش)-- بىر ئىش، ھادىسە ياكى نەتىجىنىڭ قانداق ئۇسۇل، ۋاسىتە ياكى پروتسېس ئارقالىق يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
- شۇھەدائ — ؛«شەھىد»نىڭ كۆپلۈكى : شېھىتلەر؛
- شۇھۇد — ؛(1) «شاھىد»نىڭ كۆپلۈكى : شاھىتلار ؛ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر؛ (2) كۈزىتىش، كۆرۈش؛ شاھىتلىق ، پاكىت ، ئىسپاتلاش ؛ كۆز بى
- شۇھۇر — ؛«شەھر»نىڭ كۆپلۈكى : ئايلار ؛