لۇغەتنى كۆرۈش: ش
- شۇئائى — شولا؛ نۇر؛
- شۇئەبات — ؛«شۇئبە»نىڭ كۆپلۈكى : بۆلۈملەر ، شۆبىلەر ، تارماقلار؛ مۇزىكادا ئاساسىي كۈينىڭ تارماقلىرى؛
- شۇئەرائ — ؛«شائىر»نىڭ كۆپلۈكى : شائىرلار؛
- شۇئەرائى شىئىرى سەرىر — ماھارەتلىك شائىرلار ، ئۇستا شائىرلار؛
- شۇئەراي ئەكابىر — كاتتا شائىرلار ، ئاتاقلىق شائىرلار؛
- شۇئەرايى شىرىن كەلام — شېرىن سۆزلۈك شائىرلار؛
- شۇئبە — تارماق ، پۇتاق ، شاخ؛ بۆلۈم ، بۆلۈمچە ؛ تارماق كۈي؛
- شۇئبەدە — ئويۇن ، نەيرەڭ؛
- شۇئبەدەباز/شۇئبەدەساز — ئويۇنچى ، نەيرەڭۋاز ، كۆز باغلىغۇچى؛
- شۇئۇرسىز — تۇيغۇسىز ، ھوشسىز ؛ سەزمەس؛
- شۇئۇن — ؛«شەئن»نىڭ كۆپلۈكى : ق. شان؛
- شۇباق/شۇباغ — شىۋاق ئۆسۈملۈكى؛
- شۇجائ — شىجائەتلىك ، باتۇر؛
- شۇجائەت — باتۇرلۇق ، جاسارەت ، جۈرئەت؛
- شۇخ — كىر ، ئىپلاس ، پاسكىنا ، قاسماق؛
- شۇخگىن — پاسكىنا ، قاسماق ، كىر؛
- شۇخۇلبەك — تۈرمە كۆزەتچىلىرىنىڭ باشلىقى؛
- شۇددە — بۇقۇچ ، باغ (كىيىمنىڭ ئىككى تەرەپىنى بىر - بىرىگە باغلايدىغان ، ھەر خىل رەڭلىك يىپ ياكى يىپەكتىن قىلىنغان باغ)؛
- شۇدرۇن — شەبنەم؛
- شۇرەكائ — ؛«شەرىك»نىڭ كۆپلۈكى : شېرىكلەر ، ئورتاقلار ، قوشۇلغانلار؛ [شۇرەكائ يەمەك --- ئورتاق تاماق ، شېرىك تائام]؛
- شۇرب — ئىچىمىلىك؛ شاراب ئىچىش ، شورپا ئىچىش؛ [شۇرب ئەتمەك --- ئىچمەك]؛
- شۇرتە — بەلگە ؛ يۈرۈشكە مۇۋاپىق شامال ، ئوڭ شامال؛
- شۇرۇئ — كىرىشىش ، باشلاش ؛ باشلانما ، ئىپتىدا؛ [شۇرۇئ ئەيلەمەك، شۇرۇئ ئەتمەك ---كىرىشمەك ، باشلىماق]؛
- شۇرۇت — ؛«شەرت»نىڭ كۆپلۈكى : شەرتلەر؛