لۇغەتنى كۆرۈش: ش
- شەيد — ھىيلە ، مىكىر ، ئالدام ؛ ئالداش ، مىكىر قىلىش؛
- شەيدا — ھەددىدىن تاشقىرى مەپتۇن بولغان ، بىقارار ئاشىق . سۆيگۈ ئوتىدا سەۋدايى بولماق؛ [شەيدا ئەيلەمەك، شەيدا قىلماق --- مەپتۇن ق
- شەين — كەمچىلىك ، يېستەرسىزلىك ، نۇقسان ، داغ؛ [شەين يەتكۈزمەك --- نۇقسان يەتكۈزمەك ،داغ چۈشۈرمەك]؛
- شەيىخ — مازار باققۇچى؛
- شوبان — چوپان ، قويچى ، قوي باقار؛
- شوبانلىغ — چوپانلىق ، قويچىلىق ، پادىچىلىق؛
- شوخلا — كۆكتات تۈرى؛ ( پەمىدۇر)؛
- شوخلۇغ — ئويناقلىق ، شوخلۇق؛
- شوخى خۇدكام — ئۆز سۆزلۈك يار ، كاج يار؛
- شوخى سىتەمكار — باغرى قاتتىق بار؛
- شوخى سىيمبەر — ئاق بەدەن مەھبۇب؛
- شور — ؛(1) شور ؛ تۇزلۇق؛ (2) غەۋغا ، ۋاراڭ - چۇرۇڭ ، چۇقان ، توپىلاڭ ؛ قىزغىن ، ھاياجانلىق؛ [بەلاشور --- بالا كەلتۈرگۈچى]؛ [شو
- شور ئەنگىز — غەۋغا سالغۇچى ، توپىلاڭ كۆتۈرگۈچى؛
- شور بەخت — بەختسىز ، نەس باسقان؛
- شورابە — كۆز يېشى؛
- شورە — شور يەر؛زەي يەر؛
- شورە پۇشت — شور باسقان ، شورتاڭلىق؛
- شورەزار — شورلۇق جاي ، سازلىق يەر؛
- شورنىك (چورنىك)؛ — ئىگەر - توقۇم ئۇستىخانىسى؛
- شورىدە — پەرىشان ، گاڭگىرىغان؛ [شورىدە سەرلىق --- پەرىشان ھال ، باش قېتىش]؛
- شولا — نۇر؛ يورۇقلۇق؛
- شوۋىنىزىم — خەلقلەرنى ئېزىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك،باسقۇنچلىق سىياسىتى؛
- شوي — سۆز بىرىكمەسىدە «يۇيغۇچى » مەناسىدە كېلىدۇ ؛ [چەرغشوي --- ئاسماننى يۇيغۇچى]؛
- شۇئائ — شولا ، يورۇقلق ، نۇر؛ [خەتتى شۇئائ --- قۇياشتىن تارقالغان شولا سىزىقلىرى]؛