لۇغەتنى كۆرۈش: ش
- شەھنەتۇن نەجەف — مەملىكەت پاسۋانى ، نەجەف شەھرىنىڭ جېسەكچىسى؛
- شەھۋانى نەپىس — جىنسى تەلەپكە كۆپ بېرىلىش؛
- شەھۋەت
- شەھىد — بال؛ ھەسەل؛
- شەۋاھىد — ؛«شاھىد»نىڭ كۆپلۈكى : گۇۋاھلار ، ھۆججەتلەر ، پەرىشتىلەر؛
- شەۋق — قاتتىق ئارزۇ ، ئىشتىياق ، ئۆتكۈر ھەۋەس ، تەقەززالىق ، ئۆرتىنىش؛
- شەۋق (شەۋقى)؛ — ئىشىق؛ تەلەپ؛ كۆڭۈل قويۇش؛
- شەۋقناك — زوقلۇق ، تەشنا ، خۇشال ھالدىكى؛
- شەۋكەت — ھەيۋەت ، ئۇلۇغۋارلىق ، شەرەپ - شان ، كۆركەملىك ، قۇدرەت ،سەلتەنەت؛
- شەۋكەتپەناھ — شەۋكەت تايانچىسى؛
- شەۋۋال — ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ئونىنچى ئاي؛
- شەيئ — نەرسە ، شەيئى ؛ ئىش؛
- شەياتىن — ؛«شەيتان»نىڭ كۆپلۈكى : شەيتانلار؛
- شەيب — چاچ ياكى ساقال ئاقىرىشى؛
- شەيپال — قەھرىمان؛
- شەيتانلىق — Evil(ئىسىم/سۈپەت)-- ئەخلاقىي جەھەتتىن ئىنتايىن يامان، زىيانكەش، ۋىجدانسىز ياكى شەيتانىي خاراكتېردىكى ھەرىكەت، ئادەم ياكى
- شەيتانىي — شەيتانغا مەنسۇپ ، شەيتانغا ئوخشاش ، يامان يولغا باشلىغۇچى؛
- شەيتەنەت — شەيتانلىق ، ئالدامچىلىق ، ئىبلىسلىق ؛ يارىماسلىق ، ھىيلە ،پاسات ، كۆز بوياش ،سېھىرگەرلىك؛
- شەيخ — قېرى ، مويسىپىت ، ئاقساقال ؛ شەيخ - سوپىلار باشلىقى ، ئىشان؛
- شەيخۇخەت — قېرىلىق ، ياشانغانلىق ؛ شەيخلىق ، ئىشانلىق؛ [شەيخۇخەت ۋە ئىرشاد مەسنەدى --- شەيخلىق ۋە يول كۆرسىتىش ئورنى]؛
- شەيخۇش شۇيۇخ — ئەڭ چوڭ شەيخ، كاتتا ئىشان؛
- شەيخۇل ئىسلام — ئىسلامدا ئەڭ يۇقارى دىنىي مەنسەپ؛
- شەيخۇل مەشايىخ — ئەڭ چوڭ شەيخ، كاتتا ئىشان؛
- شەيخى كازىب — كاززاپ شەيخ ، يالغانچى شەيخ؛