لۇغەتنى كۆرۈش: ش
- شەنگەرف — قىزىل ، قىزىل رەڭ ، قىزىل بوياق؛
- شەنگەرفىي — قىزىل تۈسلۈك ، قىزغۇچ؛
- شەنىئ / شەنىئە — يامان ، ئەسكى ، يارىماس ؛ خۇنۈك ، سەت ، بەتبەشىرە؛ [ فىئلى شەنىئ --- يامان قىلىق]؛
- شەھادەت — شاھىتلىق ، گۇۋاھلىق ، پاكىت ؛ شەھىد بولۇش ، دىن يولىدا ئۆلۈش ؛ شېھىتلىك؛ [شەھادەت بارماغى --- كۆرسەتكۈچ بارماق]؛
- شەھەرگە دائىر — Urban(سۈپەت)--شەھەرگە، مەھەللىگە، شەھەر تۇرمۇشىغا دائىر بولغان خاسلىقنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئاۋىل ياكى كەنتكە قارشى مەنادا ئىش
- شەھپەر — قاناتتىكى ئەك ئۈزۈن پەيلەر؛
- شەھجوي — ئېقىن، ئۆستەڭ، ئېرىق؛
- شەھد — ھەسەل ، بال؛ [شەھد ئاقماق --- بال تامماق؛ كۆچمە مەناسى: شېرىن سۆزلەمەك]؛ [شەھد ئەيش ---- ياشاش لەززىتى ، تۇرمۇش لەززىتى]
- شەھد ئالۇد — بال يۇققان ؛ شېرىن؛ [شەھد ئالۇد قىلماق --- بال يۇقتۇرماق؛ كۆچمە مەناسى: گۈزەل سۆزلەرنى يازماق]؛
- شەھد خانە — ھەسەل ھەرىسى بېقىلىدىغان جاي؛
- شەھدلىق — ھەسەل سېلىنغان، بال ئارىلاش، شېرىن؛
- شەھدۇشەكەر — بال - شېكەر؛
- شەھدى ئەيش — ياشاش لەززىتى ، تۇرمۇش لەززىتى؛
- شەھر — ؛(1) شەھەر ؛ مەملىكەت؛ (2) ئاي ؛ ئوتتۇز كۈن؛ [شەھرى رەمەزان --- رامزان ئېي]؛
- شەھر بەند — تۇتقۇن؛ [تۇپراق ئەراشەھر بەند ئەتمەك --- تۇپراققا تۇتقۇن قىلماق ، تۇپراق ئاراسىدا قالدۇرماق ، يەر ئاستىغا كۆممەك]؛
- شەھرەگ — بويۇن تومۇرى ، غول تومۇر؛
- شەھرىستان — كاتتا شەھەر ، شەھەر ئىچى ، شەھەر قورغىنى؛
- شەھريار — بۈيۈك پادىشاھ؛
- شەھسەۋار/شەھسۇۋار — ئات مىنىشكە ئۇستا ، چەۋەنداز ، ئاتقا ياراشقان؛
- شەھسەۋارى چەرخ — [شەھسەۋارى چەرخ=شەھسەۋارى فەلەك]؛ (كۆچمە مەناسى) مىررىخ (مارس) سەييارەسى؛
- شەھكار — بىئەدەپ ، قىلىقسىز؛
- شەھكارلىق — بىئەدەپلىك ، قىلىقسىزلىق ، مىكىر ، ھىيلە؛
- شەھناز — بىر كۈينىڭ ئىسمى؛ [شەھناز ئەيلەمەك --- شەھناز كۈيىنى ئېيتماق ، شەھناز كۈيىگە چالماق]؛
- شەھنە — قورۇقچى ، ساقچى ، پاسۋان (كۈندەلىك )؛