لۇغەتنى كۆرۈش: ش
- شەلايىنلىق — قىزىقچىلىق ، مەسخىرەۋازلىق ؛ بەتمەسلىك ، بەتقىلىقلىق؛
- شەلپەر — سىدام قىزىل ئاددى رەخت؛
- شەمئ — شام ؛
- شەمئى — چىراق؛ شام؛ يورۇق؛
- شەمئى تىراز — نەقىشلىك تام؛
- شەمئى خاۋەرى — قۇياش؛
- شەمئى شەبىستان — كېچىنى يورۇتقۇچى شام؛
- شەماتەت — بىركىمگە كەلگەن بەختسىزلىكتىن شادلىنىش ، زەھەرخەندىلىك؛
- شەمايىل/ شەمائىل — تۇغما مىجەز ، خۇلق ، ئەخلاق ؛ شەكىل ، سۈرەت ، كۆرۈنۈش ،تۈزۈلۈش ؛
- شەمايىم/ شەمائىم — ؛«شەمىمە»نىڭ كۆپلۈكى : خۇشپۇراقلار؛
- شەمەت/ شەمت — قارا نەقىش؛
- شەمس — قۇياش ، ئاپتاپ ، كۈن ؛ [شەمسۇ قەمەر --- ئاي بىلەن كۈن]؛
- شەمسە — ئۆينىڭ تورۇس ۋە ئالدى تاملىرىغا قۇياشقا ئوخشاش يۇمىلاق شەكىلدە ئىشلەنگەن نەقىش؛
- شەمسىيە — كۈنلۈك ، سايىۋەن؛
- شەمسىيە كالېندارى — شەمسىيە كالېندارى يەرنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشىغا (يەنى يىللىق ھەرىكەتكە) ئاساسلانغان كالېندار سىستېماسىدۇر. بىر يىل
- شەمشاد — سەرۋە دەرەخىگە ئوخشاش خۇش قامەت ۋە چىرايلىق دەرەغ (ئەدەبىياتتا يارنىڭ بويىنى بۇ دەرەخگە ئوخشىتىش ئادەت بولغان. شەمشادنىڭ
- شەمم — ھىد ، پۇراق ؛ پۇراش ، ھىد چېچىش؛ [شەممى رەيھان --- خۇش پۇراق]؛
- شەممە — بەزى ، بىر قىسىم ، قىسمەن ، بىرئاز ؛ پۇراق ، تەم؛
- شەمىس — كۈن؛ قۇياش؛ نۇرلۇق؛
- شەمىم/ شەمىمە — خۇشپۇراق ، خۇشبۇي خۇشھىد؛ [سەندەل شەمىم --- سەندەل ھىدلىق، سەندەل بۇيلۇق]؛
- شەميانە — چېدىر؛
- شەنئەت — يامانلىق ، ئەسكى ئىش ، يارىماس قىلىق؛
- شەنبە
- شەنگ — گۈزەل ، نەپىس ، شوخ ، ئويناق؛ [ھەرىفى شەنگ، لۇئبەتى شەنگ، ساقىئى شەنگ ---شوخ يار]؛