لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سەلاھىييەت — قابىلىيەت ؛ توغرىلىق ، مۇۋاپىقلىق ، ئارتۇقچىلىق ، ئالاھىدىلىك؛ سالاھىيەت؛
- سەلايى ئام — ئومۇمىي چاقىرىق ، ئومۇمىي تەكلىپ؛
- سەلەركە (دىزېل ) — خام نېفىتتىن رافىنېرلاش ئارقالىق ئېلىنغان سۇيۇق يېقىلغۇ بولۇپ، دىزېل موتورلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ بېنزىندىن كېيىن يېنىش ن
- سەلەف — ؛(1)ئىلگىرى ئۆتكەن، بۇرۇن ئۆتكەن(كىشى)؛ [سەلەف مۇلۇكى --- بۇرۇن ئۆتكەن پادىشاھلار]؛ (2) ماختانچاق، ھولۇقما، لاپچى؛
- سەلەم — بىر خىل دەرەخ نامى؛ [سەلەم يىغاچى --- سەلەم دەرەخى]؛
- سەلەۋات — ؛«سەلات»نىڭ كۆپلۈكى : نامازلار ، ئىبادەتلەر؛
- سەلب — تېنىش ، ئىنكار ، يوققا چىقىرىش ، يوقاتىش ، پاسسىپلىق؛ [سەلب ئەيلەمەك، سەلب قىلماق، سەلب ئەتمەك --- ئالىپ تاشلىماق ، ئىنك
- سەلبى ۋۇجۇد — ئۆزىنى ئىنكار قىلىش، ئۆزلۈكىدىن ۋاز كېچىش؛
- سەلبىي — ئىنكار قىلىنغان ، پاسسىپ؛
- سەلتەنەت — سۇلتانلىق ، پادىشاھلىق ، ھۆكۈمرانلىق ، دەۋلەت ، ھۆكۈمەت؛ كۆچمە مەناسى: ھەيۋەت، داغدۇغا؛ [سەلتەنەت كوسىن چالماق --- پادىش
- سەلخ — ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنى؛
- سەلسەبىل — پاكىز ۋە سۈزۈك ئاقار سۇ ؛ جەننەتتىكى بىر بۇلاقنىڭ نامى؛ راۋان ، يارقىن ، يېقىملىق ،يۇمشاق؛
- سەللاخ — مال سويغۇچى ، قاسساپ؛ گۆش ساتقۇچى؛ پوكانچى؛
- سەللاخلىق — قاسساپلىق؛ [سەللاخلىق قىلماق --- قاسساپلىق قىلماق]؛
- سەلىب — خىرىستىيان دىنىدىكىلەر بوينىغا ئېسىپ يۈرىدىغان كىرېست بەلگەسى؛ بۇت ، كىرېست؛ [ئەھلى سەلىب --- خىرىستىيان دىنىدىكىلەر]؛
- سەلىتە — ئۇياتسىز ، ئەدەپسىز . شاللاق؛
- سەلىخ — كۇيفى دەرەخى ئۇرۇغىنىڭ مېيى؛
- سەلىس — روشەن ، ئوچۇق ، سىلىق ، راۋان؛
- سەلىف — پېشۋا ؛
- سەلىقە — زوق ، مەيىل ، ئىستەك ، زوقلىنىش ئىقتىدارى ؛ تەبىئەت، خاراكتېر ، مىجەز؛
- سەلىقەلىغ — زوقلۇق ؛ تالانتلىق؛
- سەلىم — ؛(1) ساغلام ، سالامەت ، ئامان ، تىنچ ، تولۇق ، پۈتۈن؛ [ساق ۋە سەلىمۇلئەئزائ --- ئەزالىرى سالامەت ، ھەممە ئەزالىرى ساق]؛
- سەلىمۇلئەئزا — ھەممە ئەزاسى ساق ، سەللىمە ئەزا ، سەللىمازا؛
- سەم/سەمم — زەھەر؛