لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سەمئ — ئىشتىش ، ئاڭلاش ، ئاڭلاش كۈچى ، ئاڭلاش سەزگۈسى ؛ قۇلاق؛
- سەما — ئاسمان ، ساما؛
- سەمائ — ئاڭلاش ، تىڭشاش ، ئىشىتىش ؛ ناخشا - مۇزىكا ، ئۇسسۇل ، ناخشا ئوقۇش ، ئۇسسۇل ئويناش ؛ ئابرۇي ، شۆھرەت . دەرۋىشلەرنىڭ قوشاق
- سەمائىي — ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچكەن ، قۇلاقتىن قۇلاققا يەتكەن ، تارقالغان ،ئادەتلىنىپ كەتكەن ،ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان؛
- سەماق — تامنىڭ تۆۋەن قىسمىغا زىننەت ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئاق تاش؛
- سەماۋات — ؛«سەما»نىڭ كۆپلۈكى : ئاسمانلار؛
- سەماۋەش — ئاسمانغا ئوخشاش ، ھاۋارەڭ ؛
- سەماۋىي — ئاسمانغا مەنسۇپ ، ئاسمانغا تېگىشلىك ؛ ھاۋارەڭ ؛ ساماۋى؛
- سەمەد(سەمەت)؛ — ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى؛
- سەمەر — ؛(1) مېۋە ، پايدا ، ئۈنۈم ، نەتىجە؛ [سەمەر بەرمەك --- مېۋە بەرمەك ، نەتىجە بەرمەك]؛ [ سەمەر تاپماق --- پايدا تاپماق]؛ (2
- سەمەر(سەمەرە)؛ — مىۋە؛غەلىبە مىۋەسى؛
- سەمەرات — ؛«سەمەر»نىڭ كۆپلۈكى : مېۋىلەر؛
- سەمەرە — ؛«سەمەر»نىڭ ئايال سىغا شەكلى : مېۋە ، نەتىجە؛
- سەمەك — بېلىق؛ كۆچمە مەناسى: يەر ئاستى؛ [سەمادىن تاسەمەك --- ئاسماندىن تارتىپ يەر ئاستىغىچە]؛
- سەمەن — ؛«ياسمىن» سۆزىنىڭ قىسقارتماسى ، ئاق سېرىق رەڭلىك خۇشپۇراق گۈل؛
- سەمەند — ؛(1) ئوت؛ يالقۇن؛ (2)جەدە ئات ، چاپقۇر ئات؛
- سەمەندەر — ؛(1) ئەپسانەدىكى ئوت كەسلەنچۈكى ، ئۇ گويا ئوتتىن پەيدا بولغان بولۇپ ، ئوت ئىچىدە ياشارمىش؛ ئەپسانەلاردىكى ئوتتا كۆيمەيدى
- سەمت — سۈكۈت ، جىملىق ، جىمجىتلىق؛
- سەمسام — ئۆتكۈر قىلىچ ، شەمشەر ؛ ئۆتكۈر ؛ قەيسەر؛
- سەمۇر — قۇندۇز ، قۇندۇز تېرەسى؛ سۇسەر؛ سىنجاپ؛
- سەمۇم — ئافرىقا ، ئەرەبىستان چۆللىرى قاتارلىق يەرلەردە چىقىدىغان قۇرغاق ،ئىسسىق شامال ،ھالاكەتلىك ئىسسىق شامال ، كۆيدۈرگۈچى شاما
- سەمۇمى دەردۇ رەنج — ئازاب - ئوقۇبەتنىڭ كۆيدۈرگۈچى شامىلى؛
- سەمىئ — ئاڭلىغۇچى ، خەۋەردار؛
- سەمىم — ئىچكى دۇنيا ، يۈرەك ، قەلىب ؛ مەركەز ؛ پاك ، ساپ؛