لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سەكرەت / سەكرە — مەستلىك ، ھوشسىزلىق، جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ئاغرىق؛
- سەكرەمەك — ئىرغىماق ، سەكرىمەك؛ چاپچىماق؛ چاقماق (چېقىن ھەققىدە )؛
- سەككاك — پىچاق سوققۇچى ، تۆمۈرچى؛ تەڭگە پۇل قۇيغۇچى؛
- سەككىز ئاياغ — سۇ ھايۋانات تۈرى؛
- سەككىز تۈتۈن — ئۈرۈمچى شەھەرىدىكى بىر مەھەللە(ئورۇن)نىڭ ئىسمى؛ يەر-جاي ناملىرى؛
- سەكىرتمە — تىك داۋانلىق ، مېڭىش خەتەرلىك؛
- سەكىز دايلىغ — سەككىز قەۋەت ، سەككىز قات ، سەككىز قۇر؛
- سەگەك، ئالارىم — Alert(سۈپەت/ئىسىم/پېئىل)--ئاساسەن ئۈچ تۈرلۈك مەنانى بىلدۈرىدۇ. سۈپەت بولۇپ ئىشلەتكەندە "سەگەك، ھۇشيار، دىققەتلىك". ئىسىم
- سەگبان — ئىت باقار؛
- سەڭ باران — تاش بوران؛ تاش ياغدۇرۇش؛
- سەڭبەست — تاش بىلەن مۇستەھكەملەش؛ تاشتەك چىڭىتىش؛
- سەلا — چاقىرىق، ئومۇمىي چاقىرىق، مۇراجىئەت؛ [سەلا ئۇرماق --- چاقىرماق، ئۈندىمەك]؛
- سەلابەت — قاتتىقلىق ، مۇستەھكەملىك ؛ سۆلەت ، شەۋكەت؛
- سەلات — ناماز ، ئىبادەت؛ [سەلاتى خەمسە --- بەش ناماز]؛
- سەلاتىن — ؛«سۇلتان»نىڭ كۆپلۈكى: سۇلتانلار ، پادىشاھلار؛ [رۇسۇمى سەلاتىن --- پادىشاھلىق رەسىم - قائىدىلىرى؛
- سەلاتىنى مۇكەررەم — كاتتا ھۆكۈمدارلار؛
- سەلاس — ئۈچ ، ئۈچ تەرەپلىك؛ [مەۋالىدۇس سەلاس --- ق . مەۋالىد]؛
- سەلاسەت — روشەنلىك ، ئوچۇقلۇق ، راۋانلىق ، ئويناقلىق ، يۇمشاقلىق ،رايىشلىق؛
- سەلاسىل — ؛«سىلسىلە»نىڭ كۆپلۈكى : زەنجىرلەر ؛ تىزىقلار ، قاتارلار؛
- سەلامەت — ساغلاملىق؛ ئامانلىق ، تىنچلىق؛ بىخەتەر ، ساق؛
- سەلامەتروب — تىنچلىقنى بۇزۇش ، ئاسايىشلىقنى يوقاتىش ،تىنچسىزلاندۇرۇش ، تىنچلىقنى بۇزغۇچى؛
- سەلاھ — ياخشىلىق ، ئوبدانلىق ، ئېسىللىق ، ئاۋاتلىق ، ئامانلىق ؛ تەقۋالىق ،توغرا ، مۇۋاپىق ؛ مەنپەئەت؛ [سەلاھ ئەندىش --- ياخشى پى
- سەلاھۇ فەساد — ياخشىلىق ۋە ئوساللىق؛
- سەلاھىييات — ؛«سەلاھىييەت» نىڭ كۆپلۈكى : ھوقۇقلار ، سالاھىيەتلەر؛