لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سەفىر — ؛(1) ئەلچى ، كېلىشتۈرگۈچى ، ياراشتۇرغۇچى؛ (2) نەي ئاۋازى، يېقىملىق مەيىن ئاۋاز؛
- سەفىل — بەك بىچارە ئادەم ، ئىنتايىن مۇھتاجلىقتىكى كىشى ، ئابرۇيسىز، قەدىرسىز ، تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەم ؛ پەس ئادەم؛
- سەفىنە — كېمە ؛ شېئىرلار توپلامى؛ توپلام؛
- سەفىھ — ئەقىلسىز ، دۆت ؛ نادان ، تەنتەك؛
- سەفىھانە — ئەخمىقانە ، تەنتەكلەرچە ؛
- سەفىي — پاك ، تازا ، تاللانغان ، خىللانغان؛
- سەقاغ — ئىڭەك ؛ زىناق؛
- سەقەت — مېيىپ قىلىنغان ، نۇقسانلىق ، كەمچىلىكى بار ؛ مېيىپ ؛ ھايۋان ئۆلۈكى، تاپ؛ تاشلاندۇق، ئەخلەت؛ [سەقەت قىلماق --- مېيىپ قىلم
- سەقەر — دوزاق ، جەھەننەم؛
- سەقەرلات — يۇڭدىن توقۇلغان رەخت؛
- سەقەلەين — ئىنسان ۋە جىن؛
- سەقف — تورۇس ، شىپ ، ئۆينىڭ ئۆگزىسى؛ گۈمبەز؛ [سەقف بەيزاسى --- يۇلتۇزلار]؛
- سەقفى نىگۇن — كۆچمە مەناسى: ئاسمان (ئەينى : ئۆڭتۈرۈلگەن ئۆي)؛
- سەققا — مىشكاپچى؛
- سەققائ — سۇ بەرگۈچى ، سۇغارغۇچى ، سۇ سەپكۈچى ، سۇ توشۇغۇچى؛
- سەققالىق — سۇچىلىق ، سۇ توشۇغۇچىلىق؛
- سەقىپ — تورۇس؛گۈمبەز؛
- سەقىل — ئېغىر ، ۋەزمىن ؛ قوپال ، يوغان؛ [سەقىل ئەندام --- يوغان ،گەۋدىلىك]؛ [گۇناھ سەقىل --- ئېغىر گۇناھ]؛
- سەقىم — ناتوغرا ، قىڭغىر ، ساختا ، كېسەل؛
- سەكەرات — ؛«سەكرەت»نىڭ كۆپلۈكى : مەسلىكلەر ، ھوشسىزلىقلار؛ ئۆلۈم ئالدىدىكى ئاغرىقلار؛ [سەكەراتى مەۋت --- ئۆلۈم ئالدىدىكى جان تالىش
- سەكەنات — توختاش ، تۇرۇش ، تىنىش ئالامەتلىرى؛ [ھەرەكاتۇ سەكەنات --- يۈرۈش - تۇرۇش؛
- سەكەنە — ؛«ساكىن»نىڭ كۆپلۈكى : ئولتۇراقلاشقان خەلق ، ئاھالە؛
- سەكتە — تۇرغۇنلۇق ، جىىجىتلىق؛ مېڭىگە قان چۈشۈش كېسەلى؛ شېئىردا ۋەزن جەھەتتىن بولغان تومتاقلىق، نا تاماملىق؛
- سەكرات — جان تالىشۋاتقان؛ جان ئۈزۈۋاتقان مەزگىل؛