لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سەرگەرم — قىزىققان ، قىزغىن كىرىشكەن (بىرەر ئىشقا ) ؛ مەست ؛
- سەرگەز — تەڭگە چوڭلۇقىدا گۈل بېسىالغان؛ ئەستەرگە ئىشلىتىلدىغان ماتا؛
- سەرگەشتە — بېشى ئايلانغان ، تېڭىرقىغان ، ئالاقزەدە بولغان ؛ سەرگەردانلىق، ئاۋارە، ۋەيرانە؛
- سەرگەشتەلىق — بېشى ئايلانغانلىق ، تېڭىرقاپ قېلىش ، ھەيرانلىق ، سەرگەردانلىق؛
- سەرگۈزەشت — باشتىن ئۆتكەنلەر، باشتىن كەچۈرگەنلەر ، كۆرگەن - بىلگەن ھادىسىلەر؛
- سەرگۈزەشتە — ؛(سەرگۈزەشت- ئۆتمەك) باشتىن ئۆتكەن ۋەقەلەر؛
- سەرگۈم — خۇدىنى يوقاتقان ، گاڭگىرىغان؛ [سەرگۈم بولماق --- بېشى ئايلانماق ، گاڭگىراپ قالماق ،ئەس - ھوشىنى يوقاتماق]؛
- سەرگىرانلىق — گاڭگىراش ، ئىسەنكىرەش، تەمتىرەش ؛ باش ئايلىنىش؛مەستلىك ؛
- سەرلەۋھە — ئاساس ، ئۇل ؛ ماۋزۇ ، تېما؛
- سەرمايە — سەرمايە ؛ نېگىز ، مەنبە ، ئاساس؛
- سەرمەد — ئەبەدىي ، مەڭگۈ ، چەكسىز ؛ مەڭگۈلۈك ، ئۇپرىماس ، تۈگىمەس - پۈتمەس؛
- سەرمەدىي — ئەبەدىي ، مەڭگۈ ، دائىمىي ، ھەمىشە ؛
- سەرمەست — ئېغىر مەست ؛ خۇدىنى يوقاتقان ؛
- سەرمەستانە — مەستلەرچە ، غەرق مەست ھالدا؛
- سەرمەنزىل — يولۇچىلارنىڭ بىرىنچى قونۇش جايى، تۇنجى قونالغۇ؛ باش مەنزىل؛
- سەرنامە — كىتابنىڭ باش قىسمى ، باشلانما ، مۇقەددىمە ؛ ماۋزۇ؛
- سەرنەۋىشت — پېشانىگە پۈتۈلگىنى، تەقدىر ؛ ئالدىن بەلگەلەنگەن؛
- سەرنىگۇن — بېشى تۆۋەن ئاغدۇرۇلغان، بېشىنى ساڭگىلاتقان؛ بېشى تۆۋەن؛(مەغلۇبىيەت مەناسىدە)؛ ئاستىن - ئۈستۈن؛ كۆچمە مەناسى: تەتۈر پېشان
- سەرنىگۇنلىق — ئاستى - ئۈستۈنلۈك ، پۇتى ئاسمانغا بېشى يەرگە قىلىپ قويۇلغان ، بېشى تۆۋەنلىك، تەتۈر پېشانىلىك ، رەسۋالىق ، شەرمەندەلىك ؛
- سەرھەد — چېگرا ، چەك ، پاسىل، دائىر؛ كۆچمە مەناسى: مەملىكەت؛ [سەرھەد سارى نەۋبەت ئۇرماق --- چېگرا تەرەپكە يۈرمەك]؛ [تاسەرھەدى ئىم
- سەرھەدنىشىن — چېگرادا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە ؛ چېگراداشلار؛
- سەرھەلقە — سورۇن (مەجلىس) باشلىقى.
- سەرھەلقەئى(ئەھلى جۇنۇن)؛ — ساراڭلار ئەھلىنىڭ سورۇن باشلىقى؛
- سەرھەنگ — قوماندان ؛ پالۋان؛