لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سەرراف — پۇل ئالماشتۇرغۇچى ، پۇل پارچىلىغۇچى ؛ قىممەت باھا تاشلارنى باھالىغۇچى، زەرشۇناس، گۆھەرشۇناس؛
- سەررىشتە — يىپنىڭ ئۇچى؛ كۆچمە مەناسى: بانا ، سەۋەبچى؛
- سەررىيە — چۆرى، كىچىك خوتۇن ، دېدەك خوتۇن؛
- سەرزەمىن — يەر - جاي ، مەملىكەت ، تېررىتورىيە؛
- سەرزەنىش — كايىش ، تاپا قىلىش، تەنبىھ ، ھاقارەت؛ [سەرزەنىش قىلماق --- كايىماق، تەنبىھ بەرمەك]؛
- سەرسەر — سوغۇق ۋە قاتتىق شامال ، قاتتىق بوران؛ شىۋىرغان؛ [سەرسەر خىرام --- كۈچلۈك شامالدەك ئۇچماق(ئات)، قۇيۇندەك چاپماق]؛ [سەرسەر
- سەرسۇخەن — كىرىش سۆز ، مۇقەدىمە ، باشلانما؛
- سەرشار — لىق تولغان ، قانغان ، تولۇق ، مول؛
- سەرف — ساپ ، نوقۇل ، پەقەت؛
- سەرفەراز — سەرەفراز ؛ [سەرفەراز ئەتمەك --- يۈكسەلدۈرمەك،شادلاندۇرماق]؛ [سەرفەراز بولماق ---بىركىمنىڭ خىزمەتىگە مۇشەررەپ بولماق]؛
- سەرفىتنە — پىتنىچى ، پىتنىخور ، پىتنە تارقاتقۇچى، پىتنە قوزغىغۇچى، ئارىنى بۇزغۇچى؛
- سەرفىتنەئى ئەييام — جاھانغا پىتنە تېرىغۇچى ، دەۋر پىتنىخورى؛ كۆچمەمەناسى: كىشى دىلىنى ئاغرىتقۇچى؛
- سەرفىگەندە/سەرفىگەند — يۈزى تۆكۈلگەن ، خىجالەتتە قالغان ؛ يەرگە ئۇرۇلغان ،كەمسىتىلگەن ، بويسۇنغان؛
- سەرفىگەندەلىغ — ئۇياتتا قالغان ، كەمسىتىلگەنلىك ؛ بويسۇنغانلىق ، بويسۇنۇش؛ [سەرفىگەندەلىغ قىلماق --- باش ئەگمەك ، بويسۇنماق ، ئىتائەت قى
- سەركاتىب — باش كاتىپ؛
- سەركار — سەركار--ئىش بېشى، نازارەتچى دىگەن مەنالارغا ئىگە؛ قىسىم ، بۆلەك ، توپ ؛
- سەركەردە — قوماندان؛ بىرەر گۇرۇھنىڭ رەئىسى؛يولباشچى؛
- سەركەش — ئىتائەتسىز ، ئاسىي ؛ بوينى قاتتىق ، گەدەنكەش ، ھاكاۋۇر، باشباشتاق، مەغرۇر ، گەپكە كىرمەس ، باش ئەگمەس ، بوي بەرمەس ، توس
- سەركەش نىھال — بوي تارتىپ ئۆسكەن دەرەخ ، بويدار دەرەخ؛
- سەركەشلىك — ئىتائەتسىزلىك ، ئاسىيلىق ، گەدەنكەشلىك؛ ھاكاۋۇرلۇق؛
- سەركەندە — بېشى ئۈزۈك ، كاللىسى كېسىلگەن؛
- سەركوب — ؛(1) باش يانچىغۇچى ، ئۇرغۇچى ، باستۇرغۇچى ، بېشى يانچىلغان؛ (2) (جەڭدە ئىشلىتىلىدىغان) ئېگىز پەللە ، ئېگىزلىك ؛ قاراۋۇل
- سەركوفتە — بېشى يانچىلغان؛
- سەرگەردان — ئاۋارە؛ ئىلاجىسىز؛ بېشى ئايلانغان ماكانسىز؛