لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سەرەندازلىق — سۈكۈت قىلىش ، مۈگدەش ، كەيپلىك؛
- سەربار — باش يۈكى ، باشقا قويۇلىدىغان يۈك، باشقا چۈشكەن ئېغىرچىلىق؛
- سەربەر ئۇرماق — سادىر بولماق ، روي بەرمەك؛
- سەربەسەر — پۈتۈنلەي ، باشتىن ئاياق؛ ئوخشاش ، بىر خىل؛
- سەربۇلەند — ئاتاقلىق ، داڭدار ، شۆھرەتلىك ، يۈكسەك؛ [سەربۇلەند بولماق، سەربۇلەند ئولماق --- يۈكسەلمەك؛ داڭدار بولماق، شۆھرەت قازانما
- سەربۈلەندلىق — يۈكسەكلىك ، يۇقارى مەرتىۋە ؛ شۆھرەت، قەدرى يۇقارىلىق؛
- سەرپىراز — بېشى ئۈستۈن.
- سەرتاسەر — سەراسەر؛
- سەرجۇش — راسا قاينىغان ، قايناق؛ قاينام؛
- سەرچە — شىشە؛
- سەرچەشمە — بۇلاق بېشى ، بۇلاق بويى؛ بۇلاق؛ مەنبە؛
- سەرخەت — يېڭى ھۆسنخەت مەشىق قىلغۇچى ئۈچۈن كۆرسەتمە قىلىپ ،مۇئەللىم تەرەپىدىن يېزىپ بېرىلىدىغان خەت نەمۇنىسى؛
- سەرخۇش — خۇش كەيپ ، مەست ، كەيپ؛ شىركەيىپ؛ [سەرخۇش بولماق --- مەست بولماق، كەيىپ بولماق]؛
- سەرخىل — Elite(ئىسىم/سۈپەت)--ئىسىم بولغاندا ئىجتىمائىيەت، كەسىپ ياكى گۇرۇھتىكى ئەڭ ماھىر، ئەڭ ئىقتىدارلىق، ئەڭ يۇقارى مەرتىۋەلىك
- سەرد — سوغۇق ، سۇس ، دەردلىك؛ [ئاھى سەرد --- ئۇلۇغ كىچىك تىنىش ،ئاھ ئۇرۇش]؛
- سەردابە — يەر ئاستى ئۆي، گەمە ، ئۈستى يېپىق كۆل ، سۇ ئورىسى؛
- سەردار — سەردار-- قوماندان ، يېتەكچى ، يولباشچى ، ھەربىي سەركەردە؛ باتۇرلار باشلىقى، مەرگەنلەرنىڭ چوڭى دىگەنلىكتۇر.
- سەردارلىق — سەركەردىلىك ، قوماندانلىق؛
- سەردالىق — سوغۇقلۇق، سۇسلۇق، خۇنۈكلۈك؛
- سەردىسىر — سوغۇق ئىقلىم ، سوغۇق جاي ، سوغۇق ھاۋا؛ سوغۇق؛
- سەردىسىرىي — سوغۇق ئىقلىملىق ، سوغۇق ئىقلىمغا خاس؛ [سەردىسىرىي مىۋەلەر --- سوغۇق ئىقلىم مېۋىلىرى]؛
- سەرراپ — ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا قىممەت باھالىق تاشلارنى ئالىپ ساتىدىغان شەخس.
- سەرراج — ئىگەرچى ، ئىگەر - جابدۇق ياسىغۇچى ئۇستا؛
- سەرراچ — ئىگەر-توقۇم، يۇگەن قاتارلىق جابدۇقلارنى ياسايدىغان ۋە ساتىدىغان ئادەم؛