لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سەرۇ — قامىتى كېلىشكەن؛ چىرايلىق(سەرۋى دەرەخىدەك).
- سەرۇپا — ئۈستباش ، بىر قۇر كىيىم؛ يىپەكتىن ئىشلەنگەن ئۇزۇن يالاڭ چاپان؛
- سەرۇسامان — ئىدارە ، تەرتىپ ، ئورۇنلاشتۇرۇش؛ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ، ئۆي سەرەمجانلىرى؛ [سەرۇسامان قىلماق --- ئىدارە قىلماق ، باشقۇرم
- سەرۋ — تىك ئۆسىدىغان ئارچا ، سەرۋ دەرەخى؛ كىلاسسىك ئەدەبىياتتا «گۈزەل يار» ، «يارنىڭ قەددى قامىتى» دېگەن مەنالاردا قوللىنىلىدۇ؛
- سەرۋەر — ؛(1)يولباشچى ، يېتەكچى ؛ (2) گۈزەل؛ شاتلىق؛
- سەرۋەقت — يوقلاش ، يوقلاپ كېلىش ، كۆرۈشكە كېلىش؛
- سەرۋبۇن — قەددى كېلىشكەن ، خۇشقامەت ، فىگۇرىسى چىرايلىق؛
- سەرۋى — تۈز ئۆسۈدىغان دەرەخ (تاغ تېرىكى،سۇۋادانغا ئوخشاش)؛
- سەرۋى ئازاد — گۈزەل سەرۋ؛ كۆچمەمەناسى: خۇشقامەت جانان؛ ق . سەرۋ ؛
- سەرۋى بوستانىي — بوستان ؛ كۆچمە مەناسى: گۈزەل يار؛ ق . سەرۋ؛
- سەرۋى چالاك — كۆچمە مەناسى: چاققان يار؛
- سەرۋى خىرامان — مېڭىشى گۈزەل يار؛ ق . سەرۋ؛
- سەرۋى رەۋان — مېڭىشى گۈزەل جانان ؛ ق . سەرۋ؛
- سەرۋى سىھى — بويى كېلىشكەن جانان ، خۇشقامەت يار؛ ق . سەرۋ؛
- سەرۋى گۈلچېھر — كۆچمە مەناسى: گۈزەل يۈزلۈك يار، گۈزەل يار؛ ق . سەرۋ؛
- سەرۋىستان — سەرۋ دەرەخى ئۆسكەن جاي، ئارچىزار؛
- سەرى — سارى؛
- سەرى مو/سەرى موي — قىلدەك ، قىلچىلىك ؛ قىلنىڭ ئۇچى، چاچنىڭ ئۇچى؛
- سەرىئ — تېز ، ئىلدام ، سۈرئەتلىك؛ [سەرىئ يۈرمەك --- ئىلدام ماڭماق]؛
- سەرىئۇسسەير — مېڭىشى تېز ، تېز يۈرەر؛
- سەرىئۇلقەلەم — تېز يازغۇچى ، قەلىمى ئىتتىك ، قەلىمى چاققان؛
- سەرىر — ؛(1) تەخت؛ [سەرىر ئەھلى --- پادىشاھلار ، سۇلتانلار]؛ (2) غىچىرلاش ، شىلدىرلاش، چىرقىراش؛
- سەرىغ — ساريغ؛
- سەرىھ — ؛(1) ئوچۇق ، ئېنىق ، روشەن ، ئايدىڭ ؛ مۇتلەق؛ [سەرىھ لەفز --- ئوچۇق تەلەپپۇز]؛ (2) تېز؛ چاققان؛ چاپسان؛ ئىتتىك؛