لۇغەتنى كۆرۈش: ر
- رىفئەت — يۈكسەكلىك؛ كۆچمە مەناسى: يۇقارى مەرتىۋە؛ [رىفئەت تاپماق --- يۈكسەلمەك ، ئېتىبار تاپماق]؛
- رىفق — مۇلايىملىق ، يۇمشاقلىق ، مېھرىبانلىق ، مېھىر؛
- رىقاب — ؛«رەقەبە»نىڭ كۆپلۈكى : بويۇنلار ، گەدەنلەر؛ قۇللار؛ [مالىكى رىقاب --- قۇلدار]؛
- رىقابەت — زىددىيەت؛ قارىمۇ-قارشىلىق؛
- رىقابەت تۈرى — رىقابەت تۈرلەرى دېگەنلىك ھەر خىل رىقابەتلىشىش ياكى كۈرەش تۈرىدىكى تەنتەربىيە تۈرلەرى. بۇ بوكىس، پالۋانلىق، جۇدو، كاراتې،
- رىقابەت/قىيىنچىلىق — Challenge(ئىسىم)-- قىيىن ۋەزىپە، رىقابەت ياكى سىناقنى بىلدۈرىدۇ (مەسىلەن، "Climbing the mountain was a big challenge" -
- رىقابەتكە چاقىرىش/جەڭگە تارتىش — Challenge(پېئىل)--بىرەر كىشىنى رىقابەتكە چاقىرىش، جەڭگە تارتىش ياكى بىرەر نەرسەنىڭ توغرىلىقىغا گۇمان قىلىشنى، كىشىنىڭ قا
- رىققەت — ئىنچىكىلىك ، نازۇكلۇق ، يۇمشاقلىق ، مۇلايىملىق ، كۆڭلى يۇمشاقلىق؛ ھېسداشلىق؛ [رىققەت ئەيلەمەك --- كۆڭلى يۇمشىماق ، ھېسدا
- رىققىييەت — قۇللۇق ، چۆرىلىك ، ئەسىرلىك؛
- رىكاب — ئۆزەڭگە ؛ كۆچمە مەناسى: پادىشاھ ھۇزۇرى ؛ ھۆكۈمدارنىڭ خاس خىزمەتكارى؛
- رىكتور — ئۇنۋېرىسىتېت مۇدىرى؛
- رىكۋە — چەمدىن تىكىلگەن چىلەك ، تۇلۇم ، تۇڭ؛
- رىكىب — ئات - ئۇلاغ ؛
- رىم پاپاسى — كاتولىك دىنىي چىركاۋسىنىڭ ھەمدە ۋاتىكان شەھەرلىك دەۋلىتىنىڭ باشلىقى؛
- رىمال — ؛«رەمل»نىڭ كۆپلۈكى؛ رەمل ؛
- رىماھ — ؛«رۇمىھ»نىڭ كۆپلۈكى : نەيزىلەر؛
- رىند — ئىشرەتۋاز ؛ ئىچەرمەن ؛ نوچى ، گاڭگۇڭ ؛ بىغەم ، قارام؛
- رىندانە — ئىشرەتۋازلارچە ؛ نوچىلارغا خاس ، قاراملىق بىلەن؛
- رىندە — شاراپ ئىچىپ مەس بولغان ئادەم.
- رىندلىق — ئىشرەتۋازلىق ، ئىچەرمەنلىك ؛ نوچىلىق ، بىغەملىك ، قاراملىق؛
- رىندۋەش — ئىشرەتۋازلاردەك؛ نوچى تەبىئەتلىك ، گاڭگۇڭ مىجەز؛
- رىندۋەشلىق — ئىشرەتۋازلارغا ئوخشاشلىق ؛ نوچى مىجەزلىك ؛
- رىھلە — سەپەر؛
- رىھلەت — كۆچۈش ، جۆنەش ، كېتىش ، ئۇزاق سەپەرگە چىقىش؛ كۆچمە مەناسى: ئۆلۈش؛